ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى

 

خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى

 

1998-يىلى 23-فېۋرال ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشقا ئائىت ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى. بەلگىلىمىدە شەھەر، ناھىيە، بازارلاردا ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلە ئەر-ئاياللارنىڭ ئىككى پەرزەنت، يېزىلاردا، چارۋىچىلىق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان خىتايلارغا ئۈچ پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىندى.

شۇ يىلى بۇيرۇتۇپ سېتىۋېلىنغان تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى جەمئىي 11 خىل بولۇپ، ئۈچ مىليون 810 مىڭ يۈەن بولغان. بۇ ئۈسكۈنىلەر تۇغۇت چەكلەشتە بىر مىليون 610 مىڭ ئادەمگە ئىشلىتىشكە يېتىدۇ. ئىجرا قىلىش ئەھۋالى مۇنداق: قىسقا مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان «جىياداۋەن كۇمۇلىچى» (تابلىتكىسى)، قوشۇمچە رېئاكسىيەگە قارشى تۇرىدىغان كۇمۇلاچ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 0 نومۇرلۇق دورا، مېگىستۇرۇل، سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش كۇمۇلىچى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورا پەردىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

1988-يىللىق ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچ مىليون 588 مىڭ 875 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25.5 نى ئىگىلەيدىكەن. جۈملىدىن نىكاھلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئايالللىرى ئىككى مىليون 502 مىڭ 566 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ تۇغۇتنى چەكلەش نىسبىتى %58.5 بولغان. شۇ يىلى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلارنىڭ سانى 379 مىڭ 550 نەپەر بولۇپ، تۇغۇتى چەكلەنگەنلەرنىڭ %92.25 نى ئىگىلىگەن، بالىياتقۇسىغا تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنى سالدۇرغانلار 302 مىڭ 910 نەپەر بولۇپ، %53.38 نى ئىگىلىگەن. شۇ يىلى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەش مەقسىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدە مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلغان.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ بىر يىل ئىچىدە كۆپ بالىلىق بولغان ئائىلىلەرنىڭ سانى %2.2 تۆۋەنلىگەن. 1989-يىلىدىن باشلاپ تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتۇش، مەجبۇرلاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شۇ يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئالىي تېخنىكوم سىنىپى قۇرغان. بۇ سىنىپنى پۈتتۈرگەنلەر قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردا پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1988-يىلىدىن باشلاپ تۇغۇتىغا چەك قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 169 مىڭ كىشىگە يەتكەن. 359 ئايالنىڭ بالىسى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋېتىلگەن. تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى 338 مىڭ 500 گە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى 377 مىڭ 600 گە يەتكەن.

1992-، 1993-يىللار قانۇنسىز ھالدا تۇغۇلىدىغان بوۋاقلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن كۆپرەك ئازايغان. 1992-يىلى ئاپتونۇم رايونى ئاجراتقان پىلانلىق تۇغۇت كەسپىي خىراجىتى توققۇز مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1991-يىلدىكىدىن ئىككى مىليون يۈەن كۆپەيگەن. 1992-يىلى بىر قىسىم ناھىيىلەردە دورىنى تېرە ئاستىغا قويۇپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ۋە ئۇرۇقداننى بوغۇش ئوپېراتسىيەسى كېڭەيتىلىپ، 500 مىڭ ئۇيغۇر ئەرگە سىناق قىلىنغان. شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە تۇغۇتنى چەكلەش ئوپېراتسىيەسى 389 مىڭ 877 قېتىمغا يېتىپ، 1991-يىلىدىكىدىن 161 مىڭ 845 كىشى كۆپەيگەن. دورا-سايمان ئىشلىتىپ ھامىلدارلىقتىن ساقلانغانلار (مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلەر بۇلارنىڭ سىرتىدا) 825 مىڭ 874 نەپەر بولغان.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى نەتىجىىسىدە قىسقا مۇددەتلىك دورا ئىشلەتكەنلەر %1.88 نى، ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان دورا ئىشلەتكەنلەر %9.14 نى، قاپچۇق ئىشلەتكەنلەر %25.08 نى ئىگىلىگەن. مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئىككى مىليون 267 مىڭ 400 يۈەنلىك دورا-دەرمەك، ئىككى مىليون 140 مىڭ كىشىلىك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋاب-سايمانلىرى، خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۆت مىليون 419 مىڭ 200 يۈەن قىممىتىدىكى بىر مىليون 102 مىڭ 300 كىشىلىك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە سايمانلىرى تارقىتىپ بېرىلگەن. ئامباردا ساقلىنىۋاتقان 979 مىڭ يۈەنلىك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە سايمانلىرى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئىشلىتىلگەن. مۇشۇ يىللاردا خىتايغا 22 خىل بالا چۈشۈرۈش ئەسۋابى بۇيرۇتما بېرىلگەن. 1992-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئاساسىي قاتلام پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ سانى 3500 دىن، ئۇنىڭ ئەزالىرى 138 مىڭ 900 دىن ئاشقان.

2005-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى 9-بەش يىللىق پىلانغا ئاساسەن ئۈچ مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇر بوۋاقنىڭ كەم تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48 ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بوۋاقلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %58 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. (دېمەك، خىتاينىڭ تىلى بىلەن دېگەندىمۇ خىتاينىڭ 9-بەش يىللىق پىلانىدىكى بەش يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 3 مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇر بوۋاق ئۆلتۈرۈلگەن.)

2005-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق مەتبۇئاتلار يۇقىرىقى خەۋەرلەرنى ئاشكارا تارقاتقان.

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1996-، 1997-يىللىق «شىنجاڭ يىلنامىسى»، ئۇيغۇرچە

«دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا»، خىتايچە.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2005-يىلى 6-يانۋاردىكى سانى.

ئىزاھات:

مەن بۇ خەۋەرنى ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر تاقىلىشتىن بۇرۇن مەلۇم بىر مۇنازىرە مۇنبىرىدىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ 1998-، 2005-يىللىرىنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ، يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغاچقا قايتا يوللىدىم.

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ