ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ 30 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئۆلدى

خىتاينىڭ 30 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئۆلدى

2- ئاپرېل خىتاي خەۋەرلىردىن مەلۇم بولشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن ئۆت ئاپىتىدە 30 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئۆلگەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ سىچۈەن رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 30 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى، خىتاينىڭ مەسئۇل خادىملىرى لىياڭشەن رايونىدىكى 3800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ كونتىرو قىلىنغانلىقىنى،
ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا شامالنىڭ تۇيۇقسىز يۆنىلىش ئۆزگەرتىشى سەۋەبىدىن 30 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ يالقۇن ئارىسىدا قاپسىلىپ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى، جەسەتلەرنىڭ شىچاڭ رايونىغا تىك ئۇچار بىلەن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاي جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا دالا ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە 689 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، 30 نەپەر خادىم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ