ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي « قارا جەمئىيەتتىكى مۇشتۇمزۇرلارنى تازىلاش» نامى بىلەن ھەر بىر كەنتىدىن 200 دىن ئادەمنى تۇتقان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-02-13 17:18:22 جەمئى 17124 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي « قارا جەمئىيەتتىكى مۇشتۇمزۇرلارنى تازىلاش» نامى بىلەن ھەر بىر كەنتىدىن 200 دىن ئادەمنى تۇتقان

خىتاي « قارا جەمئىيەتتىكى مۇشتۇمزۇرلارنى تازىلاش» نامى بىلەن  ھەر بىر كەنتىدىن 200 دىن ئادەمنى تۇتقان

12 - ڧېۋرال   china Aid    تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا « قارا جەمئىيەتتىكى مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بورۇلتوقاي ناھىيەسىنڭ ھەر بىر كەنتىدىن 200 دىن ئادەمنى تۇتقان.

خەۋەردە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خىتاي ساقچىلىرىغا ھەر بىر كەنتتىن تۇتىدىغان ئادەملارنىڭ سان ئۆلچىمىنى ۋەزىيە قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، ھەر بىر يېزىدىن ئاز دېگەندە 200 ئادەمنى تۇتۇش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئالتاي ۋىلايەت ساقچىلىرى پۇقرالارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تېلېڧۇنلارنى تاشلاپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېڧۇنلارنى ئىشلىتىشىكە مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە، قازاق پۇقرالىرىنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ « قارا جەمئىيەتتىكى مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش» نامى بىلەن تازىلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركستاندىكى خىتاينىڭ قورچاقلىرى بولغان  يەرلىك بىخەتەرلىك ئورگانلار ئىچكى جەھەتتە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى، ئۇقتۇرۇشتا ھەر بىر كەنتتىن 200 ئادەمنى تۇتۇش بەلگىلەنگەنلىكىنى، تۇتۇلغان بۇ ئادەملەرنى قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى ياكى يېقىنلىرى بىلەن مەخپى ئالاقە قىلىدىغان ، دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كشىلەر( ئىبادەت قىلىدىغان، ناماز ئوقۇيدىغان)، بۇرۇن تۇرمىدە يېتىپ ۋاقتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەنلەر قاتارلىق ئۆچ خىل تۆھمەت بىلەن تۇتقانلىقىنى، ئۇلاردىن ھېچ قانداق بىرىنى قويۇپ قويماسلىق بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھەر بىر ناھىيە ۋە يېزىلاردا  يىڭى تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، بىنزىن ئىشلەتمەكچى بولغان ھەر بىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئىسپات ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئىسپاتنىڭ ۋاقتى پەقەتلا بىر كۈن ئىكەلىكىنى، قازاقستان بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەر، دائىم چەتئەلگە چىقىپ تۇرىدىغان كىشلەرگە بىنزىن قاچىلاشقا ئىسپات قىلىپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى، بىنزىن ئىشلىتىشكە ئىسپات قىلىپ بىرىدىغان كىشىلەرنىڭ دەل يېقىندا ۋاقىتلىق ئىشقا قوبۇل قلىنغان« لۈكچەك، ئەخلاقسىز» كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ