ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى خىتايچە ئىسىملارغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-16 13:55:29 جەمئى 6854 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى خىتايچە ئىسىملارغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى خىتايچە ئىسىملارغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 15- ئىيۇن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئىسىملىرىنى خىتايچە ئىسىملارغا تەرجىمە قىلىپ قوللىنىشقا مەجبۇرلاشقا باشلىدى.
ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم قېرىندىشىمىز مۇخبىرىمىزغا ئۇچۇر بېرىپ، ختاي رىجىمى يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى خىتايچە ئىسىملارغا مەنا تەرجىمىسى قىلىپ قولىنىشقا مەجبۇرلاشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەسىلەن: «ئالتۈنگۈل» دېگەن ئىسمىنى بۇرۇنقىدەك « ئالىتۇنى گۇلى» دەپ ئاتىماي مەنا تەرجمە قىلىپ« جىنخۇا» دەپ، «ئايگۈل» دېگەن ئىسىمنى « ئايىگۇلى» دېمەي «يۆلىياڭ خۇا» دەپ قوللىنشقا، ۋە يېزىقتا شۇنداق يېزىشقا ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى قانداق مەنا بىلدۈرۈشىدىن قەتئىيىنەزەر ھەممىنى خىتايچە ئىسىمىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ