ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلەتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-02 14:17:58 جەمئى 367 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلەتتى

 

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلەتتى

1-ماي قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە تورى بەرگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ  قەشقەر ۋىلايىتىگە خىتاي ئوقۇتقۇچىدىن مىڭنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.

خەۋەردە شەندۇڭ ئۆلكىسى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنى قەشقەر شەھىرىدە قۇرغاندىن سىرت، خىتاي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن مىڭغا يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچىنى قەشقەر ۋىلايىتنىڭ يېڭىشەھەر، يوپۇرغا، يېڭىسار، مەكىت قاتارلىق ناھىيەلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 خەۋەردە يەنە جىياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرى ۋۇجىن رايونى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نىلقىدا ۋۇجىن تەجرىبە مەكتىپىنى قۇرغانلىقىنى، مەكتەپنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت قىزىلسۇ ئوبلاستىدىمۇ ئىككى ئورۇندا دەرسخانا تەسىس قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ