ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي بىلەن ئامىرىكىنىڭ زىددىيەتلىرى كۈچەيمەكتە

 

يېقىندا ئامىرىكا جەنۇبى كورىيەدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستىمىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ئۇلغۇيۇشقا باشلىغان. بۇ زىددىيەتلەر نەتىجىسىدە خىتاي جەنۇبى كورىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۆھبەت يىغىنىنى توختاتقانلىقىنى قارار قىلغان. نەتىجىدە كورىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىرى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئارىسىدا 2011- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كىلىنىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە سىياسى سىتراتىگيەلىك بۇ سۆھبەت يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئامىرىكا جەنۇبى كورىيەدە قۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستىمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ، جەنۇبى كورىيەگە شىمالى كورىيەدىن كىلىش ئىھتىماللىقى بولغان خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغانلىقىنى دەپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ،  ئەمما بۇ سىستىما قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇنغا خىتاي  ئۆزىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ،  بۇ سىستىما قۇرۇلىشىنىڭ رايۇن بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسىتىپ قارشى چىقىپ كىلىۋاتقان ئىدى.

شىمالى كورىيە يېقىندىن بىرى ئۆز تەۋەلىكىدە بەش قېتىم ئاتۇم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبى كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئامىرىكا پىرىزىدىنتى ئوبامامۇ شىمالى كورىيەنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن مۇناسىپ ئىش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن بۇ مۇداپىئە سىستىمىسى قۇرۇلىشىنى پىلانلىغان. ئامىرىكىنىڭ بۇ پىلانىغا قارشى خىتاي، روسىيە ۋە شىمالى كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ