ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي خەلققە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش مۆھلىتى بېكىتتى

خىتاي خەلققە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش مۆھلىتى بېكىتتى

ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى بولغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قانۇن تارماقلىرى ئاتالمىش «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىك»كە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا مۆھلەت بېكىتىپ بەرگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئاقسۇدىكى قورچاق ئورگىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت، ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسى بىر تۇتاش ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىك»كە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ 5‏-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى، مەسىلىسىنى مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرمىغانلار ياكى ئىقرار قىلمىغانلارنىڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر: «ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرلارغا قامىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولۇپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە يولۇققان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى باشقا مەسىلىگە بۇراپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش ‹قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىككە قارشى تۇرۇش› نامىدا خەلقنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى» دېيىشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ