ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي خەلقنى «كوئىنلۇندىكى قېرىنداشلار» فىلىمىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-27 16:58:46 جەمئى 3173 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي خەلقنى «كوئىنلۇندىكى قېرىنداشلار» فىلىمىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي خەلقنى «كوئىنلۇندىكى قېرىنداشلار» فىلىمىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى

يېقىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» ناملىق كىنو ئىشلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك رەزىل سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي، تۈرمە، لاگېرلارغا سولاپ، قىرغىن قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى «كوئىنلۇندىكى قېرىنداشلار» ناملىق كىنونى ئىشلەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر ۋە بازارلىرىدىكى خەلق ئاممىسىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ فىلىمدا تارىخىنى ۋە رېئاللىقىنى بۇرمىلاپ، «خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار بىرگە ياشاپ كەلگەن» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى بازارغا سالغان. فىلىمدا رول ئالغان قاچاق خىتايلارمۇ ئۆزىنى «يەرلىك خەلق» دەپ تەسۋىرلەپ، تارىخىي رېئاللىقىنى ئىنكار قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ