ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي قازاقىستاندا سۈيقەسىت ئېلىپ بارماقچى بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-12 18:49:11 جەمئى 581 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي قازاقىستاندا سۈيقەسىت ئېلىپ بارماقچى بولدى

خىتاي قازاقىستاندا سۈيقەسىت ئېلىپ بارماقچى بولدى
ئاتا يۇرتداشلار تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقئىشغالچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان ۋە خىتاي قەتلىئامىدىن قېچىپ قازاقىستانغا پاناھ تىلەپ كەلگەن قازاق تۈركلىرىگە قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن قازاق قېرىنداشلىرىمىز قۇرغان ئاتا يۇرت جەمئىيىتى باشلىقى سېرىكجان بىلاشئوغلىغا قازاقىستاننىڭ ئالماتا ياركەنت يولىدا سۈيقەست قىلماقچى بولدى.
شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان يەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتالمىش تەربىيلەش لاگىرى نامىدىكى جازا لاگىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە لاگىردىكى قورقۇنچلۇق قىيىن قىستاقلارغا، خورلاشلارغا، قەتلىئاملارغا شاھىد بولغان ئوقۇتقۇچى سايراگۈل ساۋاتباي قىزى ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ قازاق بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي تەرىپىدىن چەتئەلگە چىقىشى چەكلىنىپ پاسپورتى ئېلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى ئىككى بالىسى بىلەن يولدىشى ئىلتىجا قىلغان قازاقىستانغا قارا يوللار ئارقىلىق قېچىپ چىققان ئىدى.
خىتاي رېجىمى ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ تىرىك شاھىدى بولغان سايراگۈل خانىمنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ قازاقىستاندىن دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇنى مەخپى ئېلىپ باردى. شۇنداقلا ئىستىخبارات خادىملىرى ئارقىلىق قازاقىستان چېگرا بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ قولى بىلەن ئالماتادا ياشاۋاتقان ئۆيىدىن قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغۇزۇپ تۈرمىگە تاشلاتقۇزغان ئىدى.
تۈرمىدە ئۇرۇلغان ۋە بېشىغا تەگكەن زەربە بىلەن دوختۇرخانىغا چىقىرىلغان سايراگۈل خانىمنى قوغداش ئۈچۈن ئاتا يۇرت جەمئىيىتى خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ئادۋۇكات ئابزال كۇسمانى ۋەكىل قىلغان ئىدى. شۇنداقلا سايراگۈل خانىمنىڭ سۆز قىلىشىدىن قورققان خىتاي ئسىتىخباراتىنىڭ ۋە يەرلىك ئىش بىرلىكچىلىرىنىڭ سۈيقەست قىلىش ئېھتىمالى بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ۋالىلىققا تەلەپ سۇنۇلۇپ تۈرمە ۋە دوختۇرخانىنىڭ تەدبىر ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
كۈتۈلگەندەك 2018/07/09 كۈنى سايراگۈل خانىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ياركەنت مەھكىمىسىگە كېتىۋاتقان ئاتا يۇرت جەمئىيىتى رەئىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ۋە مۇخبىرلار يول بويى بىر ماشىنا تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغان بولۇپ، مەھكىمە سالونىغا تىزدىن يېتىشىپ بېرىش ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئادەمزات يوق يول ئوتتۇرىسىدىن تۇيۇقسىز چوڭ يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىككى چاقى يول ئوتتۇرىغىلا قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان... شوپۇرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇ بۇ ئەھۋالدا ماشىنىنى باشقا تەرەپكە ھەيدەشكە ئامال بولمىغانلىقتىن ئۇدۇل ماشىنا لاستىكىقا قاراپ ھەيدىگەن ۋە ماشىنا قاتتىق ئۇرۇلۇپ چاقنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن ۋە ماشىنىنىڭ بىر چاقى بۇزۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، چاقنىڭ قويۇلۇش شەكلى شوپۇرنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ماشىنىنى ئوڭغا بۇرىشى بىلەن چوڭ قازا سۈرىتى بېرىش ئارقىلىق سۈيقەست قىلىش ئىكەن ... چۈنكى ئوڭغا بۇرالغان ھامان چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىدىكەن .. ئەگەر تۇقۇقسىز تۇرمۇز قىسقان ئەھۋالدا ماشىنا سۈرئىتى تىز بولغانلىقى ئۈچۈن ماشىنا موللاق ئېتىپ تېىخمۇ چوڭ قازا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن ماشىنىنى توختاتماي ھەيدەشكە مەجبۇر بولغان ...
مۇخبىرلار سېرىكجاندىن مۇشۇنداق خەتەر ئاستىدا خىتايغا قارشى خىزمەت قىلىۋېتىپسىز، بىخەتەرلىكىڭىزنى كىم قوغدايدۇ؟ دەپ سورىغاندا:
ئۇ : بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ئىنسانلارمىز، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى قوغداۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى، رىزقلاندۇرغۇچىسى، مەزلۇملارنىڭ قوغدىغۇچىسى ئاللاھ قوغدايدۇ. بىز پەقەت تەدبىر ئالىمىز دېدى.
ئاخىرىدا بۇزۇلغان ماشىنا چاقىنى دەرھال ئالماشتۇرۇپ يەنە يولغا داۋام قىلغان سېرىكجان ۋە مۇخبىرلار مەھكىمىگە بىرئاز كېچىكىپ يېتىپ بارغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ