ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-27 17:41:48 جەمئى 2435 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

خىتاي كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى
ئۆز خەۋىرىمىز: 26-فېۋرال ۋەتىنىمىزدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىشغالچى دائىرىلىرى خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاقلاپ بولالماي، ئۇنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، بىر قانچە ئورۇننى مەخسۇس لايىھەلىتىپ، چەتئەللىكلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن يالغان سەھنە ۋە رول ئالىدىغان ئارتىسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى ۋە دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ جايلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە كېلىۋاتقان بېسىملارنى يېنىكلىتىش كويىدا بولماقتا.
ئەمما خىتاي شۇنچە يوشۇرسىمۇ، مۇخبىرلار ئىچىدە خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلىغانلىقىنى سېزىپ قالغانلار بولغاچقا، خىتاينىڭ ساختىپەزلىكى يەنىلا ئاشكارىلانماقتا.
تۈنۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارقىمۇ ئارقا كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش تەلەپلىرى ۋە ئۆزلىرى تەكلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇخبىر ۋە دىپلوماتلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ناھايىتى نورمال قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشقا كىرىشكەن.
ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ساقچى دۆلىتى تۈسىنى بېرىدىغان كۆپ ساندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ياللانما ساقچىلارنىڭ كۆپ قىسمىغا دەرھال پۇقراچە كىيىم بىلەن ئادەتتىكى خەلق قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ۋە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن بولۇپ، ھەرقانداق چەتئەللىك ۋە تەكشۈرگۈچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بۇيرۇقى بېرىلگەن. شۇنداقلا گەپ-سۆزلىرىدە چاندۇرۇپ قويغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
خىتاي چۈشۈرگەن بۇيرۇقلارنىڭ ئىچىدە يەنە ھەرقايسى مېھمانخانىلارنىڭ دېرىزىسى يولغا قارايدىغان ياتاقلارنى چەتئەللىكلەرگە قەتئىي بەرمەسلىك كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
كۆزەتكۈچىلەر مۇخبىرلار ۋە چەتئەللىك تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ چوقۇم بىر ئاماللار بىلەن خىتاي باشلاپ ماڭغان سىزىقتىن چىقىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۆمەكتىن ئايرىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي باشلاپ بارغان ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى ئاللىبۇرۇن ئورنى ئاشكارىلىنىپ بولغان، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق ئورنى بەلگىلەنگەن جازا لاگېرلىرىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ