ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي مېيىت نامىزىغا قاتتىق چەك قويدى

خىتاي مېيىت نامىزىغا قاتتىق چەك قويدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 28-ئاپرېل ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇغقانلىرىنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشتىن چەكلىگەن.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ھاممىسى، تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، ژۇرنالىست مىركامىلجان قەشقەرىينىڭ ئانىسى 19-ئاپرېل ۋاپات بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى تىزگىنلەش، خەلقىمىزنى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن، ھەتتا ۋەتەندىكى تۇغقانلارنى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن چەكلىشى سەۋەبلىك مۇسىبەت خەۋىرىنى ئالتە كۈندىن كېيىن بىلگەن.
بىز تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننى زىيارەت قىلدۇق. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:
«ئۆيدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى لاگېردا بولغاچقا، ھاممامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغان ئەر كىشى قالمىغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھاممامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئوغلىغا پەقەت بىر كۈنلۈك رۇخسەت بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئالدۇق. باشقا تۇغقانلارنىڭ ھاممامنىڭ نامىزىغا قاتنىشىشىنى چەكلەپتۇ. باشقا بىر ناھىيەدىكى تۇغقىنىم ھاممامنىڭ جىنازا نامىزىغا كەلمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق تېلېفون ئارقىلىق سېلىنغان تەھدىتلەر سەۋەبلىك نامازغا قاتنىشالمىغان. تۇغقىنىم ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇسىبەت خەۋىرىنى بىزگە يەتكۈزدى. ئانام ۋە بىر تۇغقانلىرىم بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئۇلار لاگېردىمۇ ياكى تۈرمىمۇ، ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ، ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدىم. بۇ مۇسىبەت مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلمەكتە».


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ