ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالدىدا نامايىش

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-27 12:32:37 جەمئى 31922 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالدىدا نامايىش


خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالدىدا نامايىش
26- سىنتەبېر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر 25 ۋە 26- سىنتەبېر كۈنلىرى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسى بۆلۈمى ئالدىدا يېغىلىپ نامايىش قىلغان.
ئەتتىگەن سائەت سەككىزدە يۈزلەرچە سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەر خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىغا يېغىلغان. سائەت 11 ئەتراپىدا ئۇلار ئارىسىغا سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ئىشلىرى بۆلۈمى ئالدىدا قوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر بۆلۈك ئەسكەرلەر كىلىپ قوشۇلغان. چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالدىدا مىڭلارچە ئەسكەر يېغىلىپ نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارقا- ئارقىدىن بىر قانچە قېتىپ كېلىپ، كەچ سائەت 10 لارغىچە ئۇلارنى ئالداپ نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇلار « ھۆكۈمەت بىزنى ئالدىدى، بىز دۆلەت ئۈچۈن بارلىقىمىزنى ئاتىغان جەڭچىلەر. بىز ئاخىردا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىدۇق، نامراتچىلىقتا ئۆتتۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنشىچە، ئەسكەرلەر كېچىدىمۇ تارقىلىپ كەتمەي نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ