ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي نېمە ئۈچۈن ئورۇش قىلمايدۇ؟

خىتاي نېمە ئۈچۈن ئورۇش قىلمايدۇ؟

لاۋجى

(دولان تەرجىمىسى)

    خىتايدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆلەت جەنۇبى دېڭىزدا رەقىبلىرىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك ھەربى كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئارال تالاش- تارتىشىدا دېڭىز تەۋەلىكىنى بۆلۈشۈپ، بايلىقنى تالان- تاراج قىلىشتەك بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتكە تىز پۈكۈپ قاراپ تۈرۈشى ھەقىقەتەن قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جەنۇبى دېڭىزدىن سىرت يەنە شەرقىي دېڭىز، سېرىق    دېڭىز، جەنۇبى تىبەت قاتارلىق زېمىن مەسىلىسىدە مۇرەسسەنى ئاساس قىلغاچقا، تاجاۋۇزچىلار خىتاينى ئاجىز، توخۇ يۈرەك، كىم زېمىنىنى بېسىۋالسا شۇنىڭغا پۇل تۆلەپ سۈلھى تەلەپ قىلىپ، ۋەقەنى تىنجىتىدىغان نانقېپىلار دەپ قاراپ كەلدى. 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل شۇنداق بولغاچقا، كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتنى ئانىي تېپىشى ۋە ئاجىز دۆلەتنىڭ كۈچلۈك دۆلەتنى ئانىي تېپىشىدا خىتاي دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ئەسلىدە زېمىن تالاش- تارتىشى ئەزەلدىن قوراللىق كۈچنى ئارقا تىرەك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئارمىيىنىڭ مەجبۇرىيىتى دۆلەت زېمىنىنى قوغداش بولسىمۇ، مۇرەسسەچىلىك ھەممىنى بەربات قىلىپ، تاجاۋۇزچىلار خالىغىنىنى قىلىدىغان ھالەت پەيدا بولدى. 30 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ زېمىنى ئىزچىل تالان- تاراج قىلىنسىمۇ ئىزچىل ئورۇش قىلىشقا پېتىنالمىدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ كەمىنە قەلەم ئىگىسى تۆت خىل سەۋەب بار دەپ قارايمەن.

    1- ئورۇش قىلىشقا پېتىنالماسلىق

    بىرىنچى دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىن قورقۇش. كونىلار «تاشقى دۈشمەنگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىچكى ئامانلىق بولۇش لازىم» دېگەن. سىرىتقا قارىتا ئورۇش قىلىش ئەمەلىيەتتە ئەل رايى بىلەن ئەسكەرنىڭ جاسارىتىگە باغلىق بولۇپ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئىسلاھاتى بىر بۆلۈك ئالدىن بېيىغان ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىنى ئاپىرىدە قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋۋال باي بولۇشى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ بايلىقىنى تالان- تاراج قىلىش ۋە خەلقنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە زورىيىشى، پۈتۈن جەمئىيەتنى پارچىلاپ ئېغىر بولغان ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلدى. جەمئىيەتتە 0.4 - 0.5 % ئىگىلەيدىغان بايلار، جەمئىيەت بايلىقىنىڭ %70 نى ئىگىلىۋالغان ئىدى. ئۇلار بېيىغاندىن كېيىن باشقىلارنى يېتەكلىمەي، ئەكسىچە بايلىقىنى چەتئەلگە يۆتكىۋەتتى. ئېغىر بۇزۇلغان ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ۋە قەرزگە بوغۇلغان دۆلەت مالىيىسىنى 90% ئارتۇق ئەمگەكچى ئاممىسىغا تاشلاپ قويغان ئىدى.  شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ھەر يىلى مالىيەدىن نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشقا مەجبۇر بولدى. بۇ پۇل ھەربىي راسخوتتىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بۇخىل ئەھۋالدا سىرت بىلەن ئۇرۇشۇپ ناۋادا غەلىبە قىلالمىسا، ئىچكى زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، دۇشمەننىڭ تاجاۋۇز قىلىشىنى توسالماي ئارقىمۇ- ئارقا ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشى تەبىئىي. 

    ئىككىنچى ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشىدىن قورقۇش. خىتاينى چەكلەش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا خىتاينى قورشاش ئىستىراتېگىيىسىنى قوللاندى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر خىتايغا ئۇرۇش قوزغاشتا ئامېرىكىغا تايىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. خىتاي ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇشسا ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىش ئېھتىماللىقى چوڭايدى. ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشىغا نىسبەتەن خىتاينىڭ تەييارلىقى بولسىمۇ بىراق غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى يوق ئىدى. بۇنى ئىككى تەرەپتىكى سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىشكە بولىدۇ. بىرىنچى سەۋەب، ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا خىتاينىڭ قورال- ياراغلىرى قالاق، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان ئىقتىسادى قورۇلۇشنى مەركەز قىلىپ «ئارمىيە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغاچقا، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ قورال- ياراقتىكى پەرقى زورايدى. بولۇپمۇ ئايروپىلان ۋە ئاۋىئاماتكا تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرگەچكە، ئارمىيىمىزنىڭ سىرتقى دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتى. ئىككىنچى سەۋەب، ئىستىراتېگىيىلىك ئىدىيىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پەرەس سەرخىللارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ رايىغا بېقىپ، «3- دۇنيا نەزىرىيىسى» دىن ۋاز كېچىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، دوستلاردىن ئايرىلىپ قېلىپ تەنھا- يىتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 

    ئۈچىنچى شەخسىلەرنىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغىنى توڭلىتىشتىن قورقۇش. خىتايدا كۆپلىگەن چىرىك ئەمەلدارلار بار بولۇپ، ئۇلار مال- مۈلكىنى چەتئەلگە يۆتكىۋەتكەن. ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئوباما ئامېرىكىدىكى 1مىليون 800 مىڭ خىتايلىق ئەمەلدارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە مال- مۈلكىنى ئاشكارىلايمەن دەپ تەھدىت سالغان ئىدى، مۇشۇ ئەمەلدارلار مال- مۈلكىنى ئاشكارىلاشقا ھەقىقەتەن جان- جەھلى بىلەن قارشى تۇردى شۇنداقلا چۈشكۈنلىشىپ ۋەتەن خائىنىغا ئايلاندى. خىتاينىڭ رەھبەرلىرى پۇلنى چەتئەلگە ئامانەت قويدىمۇ-يوق؟ بۇ سوئالغا خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالە جاۋاب بېرىدۇ، ماقالىدە دېيىلىشىچە 1986-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى بىر قېتىملىق سىياسىي بىيرۇنىڭ تۇرمۇش يېغىنىدا باش شۇجى خۇ ياۋباڭنىڭ بۇرژۇئازىيىچە  ئەركىنلەشتۈرۈشىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، خۇ ياۋباڭ قايىل بولماي، يوقىرى ئاۋازدا «ھەممىڭلار مېنى ئۇ نىمىسىمۇ بولمايدۇ، بۇ نىمىسىمۇ بولمايدۇ دەيسىلەر، مۇشۇ جايدا ئولتۇرغانلاردىن شۇنى سوراپ باقسام، مۇشۇ سورۇندىكى دىڭ ھەدە ( دىڭ يىڭ چاۋ ) نىڭ چەتئەلدە ئامانەت قويغان پۇلى يوق، ئۇندىن باشقا كىم چەتئەلدە پۇل ئامانەت قويمىدىم دېيەلەيدۇ؟ مەنمۇ چەتئەلدە پۇل ئامانەت قويمىغاچقا سىلەردىن كۈچلۈك» دېگەن. بۇنىڭدىن يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مال- مۈلكىنى بۇرۇنلا چەتئەلگە ئامانەت قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ئارقىلىق جازالاشقا ماھىر بولغاچقا، خىتاينىڭ ئورۇش قىلماسلىقى مال- مۈلكىنىڭ توڭلىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگىلى بولمايدۇ. خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سىنكاكۇ ئارىلى (داۋيۈ ئارىلى) تالاش- تارتىشى ئەۋجىگە چىققاندا، گوۋۇيۇەندىكى يوقىرى دەرىجىلىك مەلۇم بىر ئەمەلدار «سىنكاكۇ ئارىلىدىكى ھەر بىر گىيا، ھەر بىر تامچە سۇ خىتاينىڭ» دەپ قاتتىق سۆزلىگەننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ چەتئەلدىكى 2 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق مال-مۈلكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى، گەرچە بۇ ئەمەلدار  بۇنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ مال- مۈلكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ خەلقنىڭ گۇمانىنى تۈگەتمىگەن ئىدى.

    تۆتىنچى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان زايومنىڭ قىممىتى چۈشۈشتىن قورقۇش. خىتاي ئامېرىكىنىڭ زايوم پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 20 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەكى دوللار بولۇپ، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. ناۋادا ئامېرىكا بىلەن ئورۇش يۈز بەرسە، بىزنىڭ 15 تىرليۇن دوللارلىق

ئامېرىكا زايومى ۋە شىركەتلەرنىڭ پايچېكى بىر كېچىدىلا قورۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    2- ئورۇش قىلالماسلىق

    ئورۇش قىلىشتا ئارمىيىگە تايىنىدۇ، ئارمىيە جەڭگىۋارلىققا تايىنىدۇ، جەڭگىۋارلىق دېگەن ساغلام روھ دېگەنلىك. ئىلگىرى ئارمىيە ماۋزەيدوڭ ئىدىيىسىنىڭ چوڭ مەكتىپى ئىدى، ماۋزەيدوڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان خەلق ئارمىيىسى جەڭگىۋار روھقا ئىگە بولۇپ، ئورۇش قىلىشتا يېڭىلمەس قوشۇن ئىدى. شۇڭا ئامېرىكا «ئازادلىق ئارمىيىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن قورقمايمىز، بەلكى ئازادلىق ئارمىيىدىكى ماۋزەيدوڭ ئىدىيىسىدىن قورقىمىز » دېگەن ئىدى. بۈگۈنكى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقى قانداق؟ كىشىلەر ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىدە ماۋزەيدوڭ ئىدىيىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى، قىسىم بىلەن يەرلىكنىڭ ئوخشاشلا چىرىكلەشكەنلىكىنى، ئەمەلدارلىقنىمۇ ۋە ئەسكەرلىكنىمۇ پۇلغا سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش- تارتىش بولغان ۋاقىتتا، دېڭىز ئارمىيىمىزنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بىر توپ ئاشنىلىرى بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇپ يۈرگەن. ناتوغرا كەيپىيات پۈتۈن ئارمىيىنى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئورۇش قىلىش ۋە كىم ئۈچۈن ئورۇش قىلىش مۇھىم مەسىلە بوپ قالغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر قوشۇن ئورۇش قىلالامدۇ؟ جاۋابى كىشىنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

    3- ئورۇش قىلىشنى بىلمەسلىك

    خىتاي 30 يىلدىن بۇيان ئورۇش قىلىپ باقمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە ئۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل. قۇرۇق ھەيۋە قىلىش، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش، ئۇرۇشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇش كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بولۇپمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھەربى ئىشلارنى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسى ساقلانماقتا. ئىلگىركى پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، ھازىرقى ئامېرىكا، روسىيە ۋە غەربتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەش تارىخى بار. ئەنگلىيە شاھزادىسىمۇ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ بىۋاستە ئالدىنقى سەپكە بارغان بولغاچقا ئۇرۇشتىن قورقمايدۇ. مەملىكىتىمىز 12- نۆۋەتلىك سىياسىي بىيرۇ دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدىن باشلاپ ئارمىيىنىڭ سىياسىي بېيرۇدىكى ئورنىنى بىكار قىلىۋېتىپ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مۈلكىي ئەمەلدارلار ئۆتكۈزۈۋالدى. مۇشۇنداق بولغاچقا سىياسىي بېيرۇ يېغىنىدا ئارمىيىنىڭ ساداسى چىقمىدى. بۇ ئىشلار ئىختىيارسىز سوڭ سۇلالىسىنى ئەسكە سالىدۇ. سوڭ سۇلالىسى سانغۇنلارنى «ھاراق زىياپىتىدە ھەربى ھوقۇقىدىن بوشاتتى» شۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيە مۈلكى ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا قېلىپ ئورنى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ خىل تۈزۈلمىدە سوڭ ئارمىيىسى لاۋ، جىن ۋە موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، نەتىجىدە دۆلەت مۇنقەرز بولغان ئىدى.

    4- ئۇرۇش قىلىشنى خالىماسلىق  

    بەزىلەر تىنچلىق خام خىيالىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ كەتتى، ئەسلا ئورۇش قىلىشنى خالىمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلماسلىقتىكى ئاساسلىق سەۋەبى بولسا «تۆت ئۇرۇشماسلىق» سىياسىتىدۇر. بىراق ئۇرۇش قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئۇرۇش قىلماسلىققا سەۋەب كۆرسىتىش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭمۇ قىلىقى ئەمەس.

    كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،  خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەب چىرىكلىكنىڭ ئاپەتكە ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت، «ئىستراتېگىيە» دېگەن نېمە؟، «ئۆز ئىقتىدارىنى يوشۇرۇش» دېگەن نېمە؟ بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەقەللىي قائىدىنى بىلمەسلىكنىڭ ئۆزى ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكتۇر. تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئوقتۇرىدۇكى، بىر ھاكىمىيەت پەقەت چىرىكلىشىپلا كېتىدىكەن مۇقەررەر ھالاك بولىدۇ؛ بىر دۆلەت چىرىكلىشىدىكەن مۇقەررەر مۇنقەرز بولىدۇ. مانا بۇ  قەدىمدىن ھازىرغىچە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەت.

 

    ئىزاھات:

    1- تەرجىمە قىلغۇچى «جۇڭگۇ» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن، بىز «خىتاي» دەپ ئۆزگەرتىپ ئالدۇق.

    2- ئاز بىر قىسىم ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلدى ، مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بىر قانچە سۆزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلدى ۋە قوشۇمچە قىلىندى.

 

    تەييارلىغۇچى مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر:

http://www.21ccom.net/articles/gsbh/article_2013090691403.html

 

   

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ