<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دونالد ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى


دونالد ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى
12- ئىيۇن قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن سىنگاپورنىڭ سېنتوسا ئارىلىدىكى كاپېللو مېھمانسارىيىدا كۆرۈشتى.
خەۋەردە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈشى سىنەاپوردا ئەمەلگە ئاشقانلىقى، ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا قىسقا بايانات بەرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ باياناتىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شەرەپ ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت بولىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بايانات بېرىپ، ئۆتمۈشتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز بىزگە توسقۇنلۇق قىلغان ئېدى. بۇ توسقۇنلۇقلارنى يەڭدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەردىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشكەنلىكى، كۆرۈشۈش تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە يەنە، پرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بولسا، بۇ يەرگە ئوچۇق پىكىرلىرىمىز بىلەن كەلدۇق، سىلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشكە باشلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ