ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دىققەت! ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەلچىلىرىگە ماتېرىيال يوللاشقا سەل قارىماڭ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 09:14:10 جەمئى 844 قېتىم ئوقۇلغان.

دىققەت! ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەلچىلىرىگە ماتېرىيال يوللاشقا سەل قارىماڭ

 

دىققەت! ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەلچىلىرىگە ماتېرىيال يوللاشقا سەل قارىماڭ

خىتاي رېجىمى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەلچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېغىۋىلىش لاگېرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىشىگە رۇخسەت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرى ئېنىقلاپ چىققان لاگېرلارنى كۆزدىن كۈچۈرۈشنى تەلەب قىلغان بولۇپ، بىراق خىتاي رەت قىلغان ئىدى.

ئەمدىلىكتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىدە كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوست – بۇرادەرلىرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان يېقىنلىرى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يوللاپ بېرىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىكراندا چىقىپ تۇرۇۋاتقان ئادرىس ئارقىلىق پوچتا ياكى ئېلخەت ياكى فاكىس يوللاش بىلەن ئائىلىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى قىلىپ مەلۇمات يەتكۈزۈڭ.

ئۇلار ۋەتىنىمىزگە ئون مىڭلارچە ماتېرىيال بىلەن بارسۇن.

بۇ ھەرىكەتكە ئەسلا سەل قارىماڭ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېغىۋىلىش لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغۇچى ھەيئىتىنىڭ ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:

Delegation of the European Union to China

15 Dongzhimenwai Dajie, Sanlitun, Chaoyang District, Beijing, People's Republic of China

Post Code: 100600

Tel: + 86-10-84548000

Fax: + 86-10-65321720

[email protected]

شۇنداقلا بۇ خەۋەرنى ھەممە يەرگە تارقىتىپ كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىشنى ئۇنتۇماڭ!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ