ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-06 13:21:28 جەمئى 715 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

5-ئاپرېل «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىش، سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلىدى.
5-ئاپرېل ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتايغا قارشى نامايىش  ئۇيۇشتۇرغان. نامايىشقا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئىشتىراك قىلىپ، بارىن جىھادىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەۋلادلارغا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەن. 
5-ئاپرېل يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ  ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى باشچىلىقىدا «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرلىگەن ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، يەرمەنكە  ئۆتكۈزگەن.
6-ئاپرېل شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى خەلقنى «بارىن ۋەقەسى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەشكىللىگەن.
3-ئاپرېل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-ئاپرېل بارىن قىرغىنچلىقى»نىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بارىن ۋەقەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام بۇلىقى ئىكەنلىكىنى، شېھىتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
5-ئاپرېل كۈنى يەنە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىدە «بارىن جىھادىي ھەرىكىتى»نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، پەرزەنتلەرگە بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ