ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رۇسلار چەتئەلدە قۇرغان جۇمھۇرىيەتلەر

رۇسلار چەتئەلدە قۇرغان جۇمھۇرىيەتلەر

رۇسىيە يېقىنقى زامان تارىخىدا ياۋروپا-ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قاتتىق ئارىلىشىپ، شۇ دۆلەتنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەم قىلىپ، ئىلغار كۈچلەرنى باستۇرغان. 1848-يىلى ياۋروپادا ئىنقىلاب پارتلىدى. بۇ ئىنقىلاب فىرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى باشلانغان بولسا، ۋېنگرىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى خاراكتېرىدە بولدى. شۇ چاغدىكى رۇسىيە چار پادىشاھى نىكولايⅠقوشۇن چىقىرىپ، ئاۋسترىيە پادىشاھىغا ياردەم بېرىپ، ۋېنگىرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باستۇرۇپ، «ياۋروپانىڭ ژاندارمىسى» دېگەن سېسىق نامغا ئېرىشتى. ئاسىيادا رۇسىيە يەنە داۋاملىق شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، 1871-يىلى ئۇيغۇرلار غۇلجىدا قۇرغان ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، ئىلىنى ئون يىل بېسىۋالدى. 1881-يىلى «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئارقىلىق ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدىكى ئىلى ۋادىلىرىنى ئىگىلەپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچۈرۈپ كەتتى.

رۇسىيە يېقىنقى زامان تارىخىدا يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىگە قوشنا ئەللەردە كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان ياكى شۇنداق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ياردەم بەرگەن. ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى قاندۇرۇلغاندا ياكى ئۇ ئاتالمىش جۇمھۇرىيەتلەرنى داۋاملىق يۆلەشكە كۆزى يەتمىگەندە، ياردەمنى توختىتىپ تاشلىۋەتكەن. تۆۋەندە شۇنداق جۇمھۇرىيەتلەردىن بىرقانچىنى مىسال كەلتۈرىمىز.

1. ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، يەنى 1918-يىلى 10-ئايدا ۋېنگرىيەدە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلاپ، ھاپىسبۇرگ جەمەتىنىڭ ۋېنگرىيەدىكى 400 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. ۋېنگرىيە ئاۋسترىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بىراق بۇ بىر بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، رۇسىيەدە قۇرۇلغان سوتسىيالىستىك سوۋېت رۇسىيەسى ھۆكۈمىتىنى ئانچە خۇشال قىلمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن لېنىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بولشىۋىكلار پارتىيەسى ۋېنگىرىيىدىكى كومممۇنىزىم ئىنقىلابچىسى كون بېللا قاتارلىق سولچى كۈچلەرگە ياردەم بېرىپ، ۋېنگىرىيىدە يېڭى قۇرۇلغان بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىگە قارشى قايتا بىر ئىنقىلاب قوزغىدى. 1919-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بىراق 4-ئايدا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بۇ جۇمھۇرىيەت تۆت ئاي پۇت تىرەپ تۇرالىدى. سوۋېت رۇسىيەسىمۇ بۇ جۇمھۇرىيەتنى قايتا يۆلىمىدى.

2. جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

1921-يىلى7-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كونترول قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال (ھەرقايسى ئەل كومپارتىيەلىرىنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشمىسى)نىڭ ياردىمىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەيدە مەخپىي قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ج ك پ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا شىمالدىكى مىلىتارىستلارغا ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش قىلدى. بۇ كۈرەشلەرنىڭ نەتىجىسىدە، 1931-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ رۇيجىن دىگەن يېرىدە جۇڭخۇا سوۋېت ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەتتە ماۋزېدوڭ رەئىس، جۇدې ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولدى. نامدا جۇڭگودا نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان بىر قىزىل ھاكىمىيەت بارلىققا كەلگەن بولدى. «جۇڭخۇا سوۋېت ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى» دېگەن نامدىنمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىمۇ رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان كۈنى 7-نويابىرغا توغرىلانغان ئىدى. كېيىن جياڭ جېشى قىزىل ئارمىيەگە قارشى 5-قېتىملىق قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى قوزغىدى. غەرب دۆلەتلىرى جياڭ جېشىنىڭ كومپارتىيەنى يوقىتىشىغا ياردەم بەردى. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ياردەم بەرمىدى. چۈنكى سوۋېت تەرەپنىڭ كومپارتىيەنىڭ جۇڭگودا غەلىبە قىلالىشىغا كۆزى يەتمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭەلمىگەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قىزىل ئارمىيەنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ، ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. جۇڭخۇا سوۋېت ۋاقىتلىق مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچ يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى.

3. جەنۇبىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى

ئەزەربەيجانلار تۈركىي تىللىق مىللەت بولۇپ، كاۋكاز رايونىدا ياشايدۇ. 18-ئەسىردە رۇسىيە بىلەن ئىران ئۇرۇش قىلىشقا باشلىغان، 1822-يىلى ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان «تۈركمەن شەھەر شەرتنامىسى»غا ئاساسەن ئىران ئەزەربەيجانلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم رايونلارنى رۇسىيەگە بۆلۈپ بەرگەن. دېمەك، بىر مىللەت ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ رايوندا ئەزەربەيجان سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىران تەرەپتە ناھايىتى كۆپ ساندىكى پارسلاشقان ئەزەربەيجانلار بار. 1941-يىلى ئىراندا رىزا شاھ تەختتىن چۈشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىستراتېگىيەنى باھانە قىلىپ، ئىراننىڭ تەبرىز شەھرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمال رايونلىرىغا قوشۇن كىرگۈزدى ھەم تەبرىزنى مەركەز قىلىپ، سەئىد جامال پىشۋارىينىڭ رەھبەرلىكىدە «ئەزەربەيجان خەلق ھۆكۈمىتى» دېگەن بىر ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ سىتالىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر بېقىندى ھۆكۈمەت ئىدى. ئىران زېمىنىدا بۇنداق بىر قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. سىتالىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەگە قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىران زېمىنىدىن قوشۇن چېكىندۈردى. 1946-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىران ئارمىيەسى تەبرىزگە قوشۇن كىرگۈزۈپ، قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. سەئىد جامال پىشۋارىي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى.

4. موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى

موڭغۇللار 13-ئەسىردە چىڭگىزخاننىڭ باشچىلىقىدا غايەت زور موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى 1271-يىلىدىن 1364-يىلىغىچە جۇڭگودا يۈەن سۇلالىسى دېگەن بىر ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى باشقۇرغان. كېيىن خىتايلارنىڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، موڭغۇللار چۆللۈكنىڭ شىمالىغا چېكىنىپ كەتكەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ ئويرات، تاتار قەبىلىلىرى ئىزچىل تۈردە مىڭ خانىدانلىقىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇرۇش ئۈزۈلمىگەن. شۇ ۋەجىدىن پادىشاھ جۇيۈەنجاڭ پايتەختنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ، سەددىچىن سېپىلىنى قايتا قۇرۇپ چىققان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاشقى موڭغۇلىيەدىكى خالخا قەبىلىسى بىلەن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى چاخار قەبىلىسى ئۆزئارا دۈشمەنلىشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان.

چاررۇسىيە 1911-يىلى جۇڭگودا شىنخەي ئىنقىلابى پارتلاپ، ئىچكى قالايمىقانچىلىق بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، موڭغۇلىيەدىكى جابسون دامبا باشچىلىقىدىكى يۇقىرى قاتلام لامالارنى قۇترىتىپ، ئۇلارنى جۇڭگودىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاتقۇزغان. ئەمەلىيەتتە موڭغۇلىيە چاررۇسىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق ھىمايىسىدە موڭغۇلىيەدىمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ ئورنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە مەخپىي ئاچقان «يالتا يىغىنى»دا بېكىتىلگەن. «يالتا كېلىشىمى»دە «تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى (يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيەگە بولغان ھامىيلىقىنى) ساقلاش»نى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىنىڭ شەرتى قىلغان. ئۇ چاغدا جۇڭگو مىللىي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى يىغلاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان. 1945-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لېي فاجاڭ موڭغۇلىيىگە بېرىپ، موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى جۇڭگودا قېلىش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتا نازارەتچى بولغان. ئومۇمىي ئاۋاز بېرىشتە موڭغۇللارنىڭ %99ى مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن. شۇنداق قىلىپ موڭغۇلىيە خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن.

5. ئافغانىستان جۇمھۇرىيتى

ئافغانىستان بىزگە قوشنا دۆلەت. بۇ دۆلەتتە پۇشتۇ، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىق پارس تىللىق ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ياشايدۇ. بۇ مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ تىلىنى ئۇقۇشىدۇ، دىنىي ئېتىقادى بىر. بىراق يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئافغانىستان ئەنگلىيە ۋە چاررۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەن. 1978-يىلى 4-ئايدا ئافغانىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. سوتسىيالىزم تەرەپدارلىرى ھاكىمىيەتكە چىقىپ، ئافغانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بىراق بۇ ھۆكۈمەت ئىچكى قىسمىدا ئىتتىپاق بولالمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا بەكرەك يېقىن بولغان باش مىنىستىر مۇھەممەت تاركىي قەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر ھافىزۇللاھ ئەمىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقانلىقتىن، سوۋېت تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى غەربلىكلەر تېخى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ مەستلىكىدىن يېشىلىپ بولالمىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ، ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. باش مىنىستىر ھافىزۇللاھ ئەمىن شۇ كۈنىلا ئېتىپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ئىسلام غازاتچىلىرى ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن سوۋېت ئارمىيەسىگە قارشى غازات ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. 1988-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ئامالسىز ئافغانىستاندىن شەرمەندە بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئافغانىستان پارتىزانلىرى 1992-يىلى 4-ئايدا سوۋېت قوللىغان نەجىبۇللاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستان ۋەزىيىتى پەقەت تىنچ بولمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەرقىي ياۋروپادىكى پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر تالاي ئاتالمىش دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن ماڭماي، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدىماقچى بولدى. مەسىلەن: يۇگوسلاۋىيە رەھبىرى تېتو سوۋېت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزدى. ۋېنگرىيە رەھبىرى ئېمىر ناگ ۋېنگرىيەچە سوتسىيالىزم يولىغا ماڭدى. چېخوسلوۋاكىيە رەھبىرى دوبچىك «پىراگا باھارى» دېگەن ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى. نەتىجىدە ۋېنگرىيەدىكى ئىسلاھاتچىلار باستۇرۇلۇپ، ئېمىر ناگ ئۆلتۈرۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇن چىقىرىپ، چېخوسلوۋاكىيەنى بېسىۋالدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە گېرمانىيە، چاۋشيەن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ پارچىلاپ، ئوخشاش بىر مىللەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بۆلۈنۈپ تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

يېقىنقى زاماندا نۇرغۇن دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىپ، ئېغىر جاراھەتلەرنى پەيدا قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى پارچىلىنىپ، ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى.

 

 ئىزاھات:

 بۇ ۋەتەندىكى تور، مۇنبەرلەر تاقىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن مەلۇم ئۇيغۇرچە مۇنبەردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇلغان تېما بولۇپ، تەھرىرلەش جەريانىدا ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەندىن باشقا، تېمىدىكى «جۇڭگو» دېگەندەك بەزى خىتايچە ئاتالغۇلار ئۆزگەرتىلمىدى.

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ