ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رۇسىيە مۇستەقىللىق گېزىتى بىلەن خىتاينىڭ جەڭگى-جېدەللىرى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-06 19:09:54 جەمئى 2123 قېتىم ئوقۇلغان.

رۇسىيە مۇستەقىللىق گېزىتى بىلەن خىتاينىڭ جەڭگى-جېدەللىرى

رۇسىيە مۇستەقىللىق گېزىتى بىلەن خىتاينىڭ جەڭگى-جېدەللىرى
Backchina تورىنىڭ 6-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشقا باشلىغانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆزلىرى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر سىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغىنىغا چىدىمىغان خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى مۇستەقىللىق گېزىتى تەھرىراتىغا بىر پارچە مەكتۇب يېزىپ، مەزكۇر ماقالىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى قوپاللىق بىلەن تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئەگەر ئۆچۈرۈۋەتمىسە، ماقالىنى يازغان مۇخبىرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، خىتاي چېگراسىدىن كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇستەقىللىق گېزىتى تەھرىراتى خىتاينىڭ بۇ قوپال پوزىتسىيەسىگە قارشى بىر پارچە ئوبزور يېزىپ، خىتاينىڭ رۇسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ رۇسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114-ماددىسىغا ئاساسەن ئاز دېگەندە ئىككى يىل قاماق جازاسىغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇستەقىللىق گېزىتى يەنە ئۆتكەن يىلى خىتاينى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مەنپەئەتىگە چاڭگال سالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر مەزگىل تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ