ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

زاكاتنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي پايدىلىرى

زاكاتنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي پايدىلىرى

  زاكات ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان پەرىز ئىكەنلىكىنى ھەر بىر مۇسۇلمان ياخشى بىلىدۇ. شەرىئەت زاكاتنىڭ كۆز-كۆز قىلىنماستىن، تەكەببۇرلىقتىن خالى ھالدا بىرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەخپىيەتلىككە دىققەت قىلىپ ئوڭ قول بەرگەن سەدىقىنى سول قولنىڭ بىلمەسلىكىنى ماختىغان، سەدىقە بەرگەنلەر قىيامەتتە ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق چاغدا ئاللاھنىڭ سايىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

 ئاللاھ يەنە كىشىلەرگە سەدىقە-ئىھسانلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، كەمبەغەلگە تەكەببۇرلۇق نەزىرى بىلەن بەرگەنلەرنى ئاللاھقا ۋە قىيامەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار قاتارىدا سانىغان. چۈنكى، كەمبەغەل مۇئمىنلەرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش، ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىھتىياجلىرىنى قامداش بىلەن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلش مۇھىمدۇر.

 زاكاتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن قۇرئان كەرىمدا ھەرقانداق يەردە ناماز  زىكىر قىلىنسا داۋاملىق زاكات بىرگە زىكىر قىلىنغان.

«نامازنى جايىدا ئوقۇڭلار، زاكاتنى ئادا قىلىڭلار» (بەقەرە43)

 مال-دۇنيانى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ، پۇلغا ھەددىدىن ئارتۇق مۇھەببەت باغلاپ، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن يۈز ئۆرىيدىغان ھالغا يىتىپ قېلىش ئىنساننى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شەرىئەت مال ئىگىسىگە ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان زاكاتنى مالغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھېرىسمەنلىكىگە قارىماي ئادا قىلىشنى پەرز قىلىش، پۇلغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى پەسەيتىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئاداقىلىش ئارقىلىق نەپسىنى كونترول قىلىشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئىنسانغا ھەقىقىي بەخت-سائادەت مال-دۇنيا توپلاش ئارقىلىق ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە، ھەقىقىي بەخت-سائادەت پۇلىنى ئاللاھ يولىدا خەجلىگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھاسىل بولىدۇ.

«(ئې مۇھەممەد!)ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن» (تەۋبە103)

 ئۆلىمالار زاكاتنى ئادا قىلىش ئاللاھقا بەرگەن نېمەتلىرى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغانلىقتىن ئىبارەت دېگەن. زاكات ئارقىلىق پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش  ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلغانلىق، ھەقىقىي قۇلچىلىقىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلىغانلىق بولىدۇ.

 ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلماسلىق ئادەمنىڭ ئىلكىدىكى بايلىقىنىڭ ھامان بىر كۈن يوقاپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

 بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىدا ئاچ-يالىڭاچ قالغانلارنىڭ كۆپلىكى پەقەتلا مۇسۇلمان بايلارنىڭ زاكات، سەدىقىلىرىنى جايىدا بەرمىگەنلىكىدىن بولۇپ، ئەگەر بايلار زاكاتلىرىنى ئادا قىلسا ئىدى فەقىر-مىسكىن قالمىغان بولاتتى.

  ئۇيغۇر بايلارمۇ ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان زاكاتنى جايىدا ئادا قىلىپ، ئاللاھ بەرگەن نېمەت، بايلىقلاردا فەقىر-مىسكىنلەر، يىراق-يېقىن تۇققانلار، قولۇن-قوشنىلارنىڭ ھەققى بارلىقىنى، ئادا قىلمىسا بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى تونۇپ، ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان بولسا ئىدى بۇ كۈنلەرگىمۇ قالماسلىقىمىز مۇمكىن ئىدى.

 يەنە كىلىپ زاكات، ئادا قىلغۇچى ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن، روھىي سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدۇ، زاكات ئالغۇچىغىمۇ مەنىۋى ئوزۇق بولىدۇ.

  ئاللاھ يولىدا زاكات بەرگەن كىشىنىڭ جىسمى ساغلام، ئەقلى ئۆتكۈر بولۇپ، ئاچارچىلىق، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

 زاكات بەرگۈچى قەلبىدە مەن ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىۋاتىمەن دەپ، ئۆز ئىختىيارى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن بەرسە ھەقىقەتەن بەخت-سائادەتنى ھېس قىلالايدۇ.

بايلار زاكاتلىرىنى جايىدا ئادا قىلسا كەمبەغەللەر ئاز قالغاننىڭ سىرتىدا جەمئىيەتتە ئوغرى-يانچۇقچىلىق، قاتىللىق جىنايەتلىرى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەن بولاتتى.

 ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مۇسۇلمانلار سەدىقە-زاكاتلىرىنى جايىدا ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن. 5- خەلىپە ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە بەزى شەھەر لەردە بايلار زاكاتلىرىنى ئالىدىغان كەمبەغەل تاپالماي يىراق شەھەر-يېزىلاردىن كەمبەغەل ئىزدىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار.

 سەدىقە-زاكاتلىرىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلغان جەمئىيەتتە ھەقىقىي مۇھەببەت، ئۈلپەت بارلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.

 «مۇئمىنلەر مۇئمىنلەر ئۈچۈن بىرگەۋدە بىناغا ئوخشاش، بىر-بىرىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ» (بۇخارى،مۇسلىم)

 مەزكۇر ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت، مۇھەببەت، پاراۋانلىق تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى زاكاتنى جايىدا ئادا قىلىشتۇر.

 ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا ھەقىقىي ئاللاھنىڭ قۇلى بولۇپ، قېرىنداشلىق روھىنى ھاياتىدا ئەمەلىي ئىجراقىلىپ ياشاشنى نىسىپ قىلسۇن، بايلارغا ئىنساپ، كەمبەغەللەرگە قانائەت ئاتا قىلسۇن، ئامىين!!

سىراجىدىن ئەزىزى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ