ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قېچىش نېمە ئۈچۈن باشلاندى؟

نېمىشقا ئۆيىڭىزنى، دۆلىتىڭىزنى تەرك ئەتتىڭىز دېگەن سوئالغا ھامان ھەممەيلەن ئوخشاشلا، زۇلۇمدىن قېچىۋاتىمىز، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇر كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقلىرىنى تەرك ئېتىۋاتىدۇ. بۇ قېچىشنىڭ ئېنىق سانى ھەققىدە رەسمىي بىر رەقەم يوق، پەقەت ئاخىرقى يىللاردا ساننىڭ نەچچە مىڭغا يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. قانۇنسىز يوللاردىن قاچقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايلارغا سوزۇلغان، ئىنتايىن خەتەرلىك بىر سەپەرنى نىشان قىلغان. ئاچلىق ۋە كېسەللىكتىن ئۆلگەن بوۋاقلار، نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق مۈشكۈل سەپەرنى بېسىشقا مەجبۇر بولغان ھامىلدار ئاياللار، چېگرادا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى خىتايغا قايتۇرۇلغان دادىلار قېچىش سەپىرىنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ بەردى. بۇ تەھلىكىلىك سەپەرنىڭ بىردىن – بىر نىشانى: ئەركىنلىك، تۈركىيەگە بېرىش.

ئەلجەزىرە تۈركچە بۆلۈمى ئايلار داۋاملاشقان سەپىرىنى تاماملاپ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان دۆلەتكە – تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېپىپ، سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇلار سۆھبەتلىشىشتىن قورقتى، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى، تۇرغان جايلىرىنى، ئىسملىرىنى ئېيتىپ بېرىشنى خالىمىدى. كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلىسى شەرقىي تۈركىستان يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا. ئەگەر سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالسا خىتاينىڭ يۇرتتا قېپقالغانلارغا بېسىم چۈشۈرىشىدىن ئەندىشىە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بىز بىلەن كۆرۈشكەن، قېچىش سەۋەبلىرىنى، سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى مەخپىي تۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

قېچىش نېمە ئۈچۈن باشلاندى؟

ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ. 1949- يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىغا ئۆتكەندىن كېيىن بېيجىڭ يېڭى تۇپراق دېگەن مەنىدە شىنجاڭ نامىنى بەرگەن ئىدى. خىتاي دائىرلىرى 1955- يىلى بۇ رايونغا ئاپتونومىيە بەردى ۋە رەسمىي ئىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولدى. لېكىن ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى تارىختىكى ئىسمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي بولسا بۇ نامنىڭ قوللىنىلىشىنى بۆلگۈنچىلىك دەپ ئاتاپ كەلدى.

يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولغان شىنجاڭ، خىتاي كونترولىغا ئۆتكەندىن كېين بۇ بايلىقلارمۇ ئېچىپ پايدىلىنىلدى، تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستى. لېكىن ئۇيغۇرلار تۇرمۇش سەۋىيىسى  ئۆسكەن رايوندىكى بايلىقلاردىن مەنپەئەت ئالالمىغانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن ئاغرىنماقتا. ئىسلامغا ئۇيغۇن ياشاشنىڭ سىياسىي جىنايەتكە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى مۇنازىرە قىلماقتا. پەرزەنت سانىغا چەك قويۇلغانلىقى سەۋەبلىك بوۋاقلىرىنى مەخپىي ھالدا چوڭ قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈپ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇيغۇرلار رايوندا يېڭى ئېچىلىۋاتقان زاۋۇت – فابرىكىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىشقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ شىكايەتلەر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدىمۇ پات – پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور كەنان داغجى ۋە ئوقۇغۇچىسى مۇستافا كەسكىننىڭ بىرلىكتە نەشىر قىلدرۇغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقى ناملىق تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندىمۇ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئىدارىسىگە ئالغاندىن بۇيان 1950- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رايونغا 3 مىليون خىتاينى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن. 1953- يىلى 300 مىڭ بولغان خىتايلار سانى 1990- يىلى 6 مىليونغا يەتكەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن ئىچكى قىسىمدىن ئېلىنغان مەلۇماتلار چەكلىك.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن خىتاينى داۋاملىق ھالدا  ئەسكەرتىپ كەلدى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى

كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا كۆرە، خىتاي ھاكىمىتى ئاستىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكتە. ئىشقا ئۇرۇنلىشىشتا ۋە سىياسىي جەھەتتە كەمسىتىش ئېلىپ بارماقتا. بۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا پات – پات توقۇنۇش يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ يۈزدىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان دوكلاتلار پات – پات ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئېلان قىلغان بەزى دوكلاتلار تۆۋەندىكىچە:

. 2014- يىلى 18- ئىيۇلدا ئۇيغۇر پروفېسسور ئىلھام توختىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلمىدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

. 2014- يىلى 23- ئاپرېلدا ئېلان قىلنغان بىر دوكلاتتا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى ھەققىدە ۋەھشىي تەن جازاسىنى توختىتىش چاقىرىقى قىلدى. 59 ياشلىق ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ 12 يىللىق جازا مۇددىتى پۈتكەن تۇرۇقلۇق 5 يىلدىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇزارتىلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات تەلەپ قىلدى.

. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىسى 2013- يىللىق دوكلاتىدا، خىتايدا ئاياللارغا قارىتا مەجبۇرىي ھالدا توغۇت چەكلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش قاتارلىق باستۇرۇش خاراكتېرلىك پىلانلىق توغۇت تەدبىرلىرى قوللانغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. دوكلاتتا يەنە دىنىي ئەركىنلىك ئاساسى قانۇندا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان تۇرۇقلۇق خىتاينىڭ دىنى ئىبادەتلەرگە چەكلىمە قويغانلىقى، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ مەسچىت، چېركاۋ ۋە بۇتخانىلارغا كىرىشنى چەكلەش تەرەپلەردە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

. كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2012- يىلى 4- ئىيۇلدىكى بىر دوكلاتتىمۇ 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە تۇتقۇنلار ئارىسىدا غايىب بولغان نەچچە ئون كىشىدىن خەۋەر يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 مەنبە: ALJAZEERA TURK


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ