ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

زەيتىنبۇرنۇدا «مەھەللەمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-02 14:23:16 جەمئى 2147 قېتىم ئوقۇلغان.

زەيتىنبۇرنۇدا «مەھەللەمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

زەيتىنبۇرنۇدا «مەھەللەمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمىئىيتى ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە كۇرسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ ئۆزگۈللەر ئولتۇراق رايونىدا ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 2-نۆۋەتلىك «مەھەللەمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت بالىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە بالىلار ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات بىلەن تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينىدى. پائالىيەت داۋامىدا بالىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بىلدۈرۈلدى. ئۇلار بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىپ تۇرۇشىنى، تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشىنى، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە كۇرسىدا دەرس تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە كۇرسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇرېشىت مۇئەللىم بۇ پائالىيەتنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىلىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە شۇنداقلا ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇخىل پائالىيەتلەرنى ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر قېتىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەت بالىلارنىڭ خۇشال كەيپىياتى بىلەن ئاياغلاشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ