ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ساكارىيادا ۋە كونيادا شەرقىي تۈركسىتان...

ساكارىيادا ۋە كونيادا شەرقىي تۈركسىتان...
30-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ۋە يېڭى ساكارىيا ۋالىي مۇستافا قىزلار ئاناتولىيە ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتپىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى تونۇشتۇردى.
30-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى يەنە ساكاريا مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (Eğitim birsen) شۆبىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيۇشما رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىرلەشتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
30-ئاپرېل كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى. سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان زەم-زەم، يۈسۈپجان قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستان قانلىق يارىمىز» تېمىسدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ۋەكىللىك شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ