ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سىرى لانكا ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنى چەكلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-29 17:43:59 جەمئى 1650 قېتىم ئوقۇلغان.

سىرى لانكا ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنى چەكلىدى

سىرى لانكا ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنى چەكلىدى

29- ئاپرېل خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، سىرى لانكا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان قارا رەڭلىك كىيىملەرنى چەكلەپ بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا، كىملىكىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈزىنى يېپىۋالىدىغان ھەر خىل كىيىملەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى بۇ چەكلىمىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلغانلىقى ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان كىيىم-كېچەكلەرگە قويۇلغان چەكلىمە بۈگۈن (29-ئاپرېل) دىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

21- ئاپرېل سىرى لانكادا خىرىستىيانلارنىڭ پاسكال بايرىمى مەزگىلىدە چېركاۋ ۋە مېھمانخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز نۇقتىدا، تېررورلۇق بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى، سىرى لانكا دائىرىلىرى ھۇجۇملاردا 253 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھۇجۇمغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ