ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز باشقىلارنىڭ بۈيۈك نېئمىتى بولۇشى مۇمكىن!

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-03 19:10:27 جەمئى 499 قېتىم ئوقۇلغان.

سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز باشقىلارنىڭ بۈيۈك نېئمىتى بولۇشى مۇمكىن!

سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز باشقىلارنىڭ بۈيۈك نېئمىتى بولۇشى مۇمكىن!

ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەنلىرىگە شۈكۈر قىلىڭ!

ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بۇ سىنلىق كۆرۈنۈشلەر، كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقارماي قالمىدى.

كورىيەلىك مۇخبىرنىڭ ئافرىقا زىيارىتى جەريانىدا سىنغا ئېلىنغان بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە تۈركىيەدە ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز باشقىلارنىڭ بۈيۈك نېئمىتى بولۇشى مۇمكىن، ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەنلىرىگە شۈكۈر قىلىڭ! ماۋزۇسى بىلەن ئېلان قىلىندى ۋە مىليونلارچە كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن كۆرۈلدى.

ب م ت نىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا كۆرە، دۇنيادا 821 مىليون كىشى يەنى ھەر 9 كىشىنىڭ بىرى ئاچلىق ئىچىدە ياشايدۇ. يەر يۈزىدە ھەر 5 سىكۇنتتا بىر بالا يەنى 24 سائەتتە 17280 بالا ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.

دۇنيا ئۇزۇقلۇق ۋە زىرائەت تەشكىلاتىغا كۆرە دۇنيادا 5 ياشتىن تۆۋەن 155 مىليون كىچىك بالىنىڭ ئېغىر ناچار ئۇزۇقلۇق بىلەن ھاياتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەھۋال بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا تۇرغان بولسىمۇ، باي دۆلەتلەرنىڭ ھەريىل 750 مىليارد دوللارلىق يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇزۇقلۇق پروگراممى باشلىقى داۋىد بەسىلى بۇ ئىسراپنىڭ يېرىمى ئاچلىق چېكىۋاتقانلارغا ئىشلىتىلسە دۇنيادا ئاچ كىشى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھۋالنىڭ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شۇنداقلا 600 مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ كۆپ يىيىشتىن كېلىپ چىققان سېمىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان دۇنيادا مەخپى ئاچلىق چېكىۋاتقان ئىنسان سانى 2 مىليارد ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ