ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سەككىز دۆلەت ۋەكىلى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-16 17:28:55 جەمئى 4893 قېتىم ئوقۇلغان.

سەككىز دۆلەت ۋەكىلى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى

سەككىز دۆلەت ۋەكىلى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى

15- ڧېۋرال sputnik خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز دۆلەتنىڭ ب م ت دىكى ۋەكىللىرىنىڭ خىتايغا ماڭغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيە، بېلورۇسىيە، ۋېنېسۇئىلا، مىسىر، كامبودژا، كۇبا، پاكىستان ۋە سېنېگال قاتارلىقلار دۆلەتلەرنىڭ ب م ت جەنۋە ئىشخانىسىدىكى ۋەكىللىرى خىتايغا يولغا چىققان.

بۇ دىپلوماتلار بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەسئۇللىرى بىلەن ئاتالمىش ئاشقۇنلۇق، ئايرىمچىلىق ۋە تېررورلۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقان.
خىتاي تەرەپ بولسا شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە: «بۇلار كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى، بۇ يەرنى يولغا قويغاندىن كېيىن نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق» دېگەن.
سەككىز دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈن 16–فېۋرالدىن 19-فېۋرالغىچە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ باياناتىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى كۆزىتىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ