<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاننى قاراڭغۇلۇق باستى


 بۈگۈن 28- ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسى فەيىسبۇكتا بىر سىن كۆرۈنۈش تارقالدى.  كۆرۈنۈشتىكى ئاۋازدا بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدا ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باسقان.

بۇ ھادىسە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قاتتىق بوران چىقىپ ئالەم قىزىل رەڭگە كىرىش بىلەن باشلانغان بولۇپ،  چۈشتىن كېيىن سائەت 01:30 ئەتراپىدا ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باسقان.

ئالەم قاراڭغۇلىشىپ ئەتراپنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىدىن خەلق ئاممسى قورقۇپ تەشۋىش ئىچىدە قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ھادىسە قەشقەرنىڭ يەكەن ۋە پوسكام ناھىيلىرىدىمۇ سائەت 16:00  ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، بۇ خىل ھالەت باشقا شەھەرلىرىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان.

 

خىتاي مېتروئولوگىيە دائىرىلىرى، ئاقسۇ، يەكەن تەرەپلەردە قاتتىق بوران چىققانلىقىنى، تۇرپان، توقسۇن تەرەپلەردە 11 بالغىچە بوران چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كۆك رەڭلىك ئۇقتۇرۇش چىقارغان، قارامايدا 8 -9 بال بوران چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەگەن.

 

تەھلىلچىلەر: ئادەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەكىلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدا قارا بوران چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بىراق بۈگۈنكىدەك ئالەم قاتتىق قاراڭغۇلىشپ كەتمەيدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئالەمنىڭ پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىش ھادىسىسى بولسا، خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ