ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈنسىز قىرغىن قىلىنماقتا


د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەكىلى دوكتور قاھار بارات 40-نۆۋەتلىك ب م ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا «شەرقىي تۈركستان خەلقى ئۈنسىز قىرغىن قىلىنماقتا» دېدى.
ئۇ بەرگەن دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنسىتلىرى تەرىپىدىن ئۈنسىز قىرغىن قىلىنغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئسىپاتلاپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن بۇ يەرگە بىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكىمىزنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغىلى كەلمىدىم. مەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىلى كەلدىم. بىز يەر شارىدىن ئايرىلىۋاتىمىز.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەسلىدە قانلىق بىر قىلمىش، ئەمما خىتاي ئىرقىي قىرغىنچلىقنى تارىختا تۇنجى قېتىم ئۈنسىز ۋە مەخپىي ئۇسۇلدا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.
يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغان 26 ئايدىن بۇيان، مەشھۇر يازغۇچى ئاكادېمىك، تەتقىقاتچى ۋە دىنىي ئۆلىمالار قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ياكى مۇددەتسىز، 10، 20 يىللىق كېسىلدى. ھەتتا سودىگەرلەر، مەشھۇر ناخشىچى ۋە سازەندىلەرمۇ قولغان ئېلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت كېسىلدى. كۆپ ساندىكى تىجارەتچىلەر بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن تۈرمىگە سولىنىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. قالغان ئادەتتىكى پۇقرالار مۇددىتى ئېنىقسىز ھالەتتە لاگېرلارغا سولاندى. قولىمىزدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا، داۋام قىلىۋاتقان ئىجرائاتلارغا ۋە ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان كوچا-مەھەللە كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسەن پەرەز قىلالايمىزكى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ مىليون بىلەن ئالتە مىليون ئارىسىدىكى كىشىلەر لاگېر ۋە تۈرمىدە.
بىزنىڭ ھازىر قانچە مىليون ئادەمنىڭ لاگېرلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ھىسابىنى ئەمەس، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ لاگېر ياكى تۈرمىلەردە ئۆلگەنلىك ھېسابىنى ئېلىش باسقۇچىغا كەلدى.
لاگېرلارنىڭ ئەتراپىغا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ سېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئەگەر دائىرىلەر جەسەتنى ئائىلىسىگە قايتۇرسا، بەزى ئائىلەردە ئۇ جەسەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇدەك ياشتا چوڭ ئادەم يوق. بەزى مەھەللىلەردە ئۆرپ ئادەتلەر بويىچە ئۇزاتقۇدەك جامائەت يوق. خىتاي بۇ لاگرردا جان ئۈزگەنلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ؟ توپلاپ كۆيدۈرۈۋاتامدۇ، توپلاپ كۆمۈۋاتامدۇ؟ توپلاپ كۆمۈۋاتقان بولسا، بۇنى ئامالسىزلىقتىن قىلىۋاتامدۇ؟ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتامدۇ؟ دۇنيا قاچانغىچە بۇنىڭ ھېسابىنى سورىمايدۇ؟
«زىمىستان» ئۇچۇر تورى 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر ئۇچۇرنى سۈرۈشتە قىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەممىلا تۈرمىسدە بارلىقىنى، مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇلارنى بۇ دەرىجىدە مەخپىي يۆتكەيدۇ؟ مەخپىي تۇتىدۇ؟ مەنچە خىتاي مانا مۇشۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۇچۇن، لاگېردا سالامەتلىكى ناچارلاشقان ۋە ئۆلۈمگە يۇزلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى يوقىتىش ئۈچۈنلا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى ۋە يۆتكەۋاتىدۇ.
ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلاردىن 70-، 80-، 90-يىللاردا ۋە 2000-يىللاردا تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك ئەۋلاد دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» كە نىشان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى غۇلجا بوياندايدىكى ھەنىپە دېگەن بىر مېيىپ قىزنىڭ 70-يىللاردا تۇغۇلغىنى ئۈچۈنلا يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. دېمەك، 18 ياش بىلەن 50 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا.
شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېردا يېتىۋاتقان ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئەلچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇ ئۈچ مىليون كىشى ئارىسىدا 35 پەرزەنت، نەۋرە، تۇغقانلىرى بار بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى بۇ جىنايەتتىن دەرھال توسۇشقا چاقىرىمەن».


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ