ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتىنىڭ كۈۋەيت زىيارىتى داۋام قىلماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-09 19:18:59 جەمئى 807 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتىنىڭ كۈۋەيت زىيارىتى داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتىنىڭ كۈۋەيت زىيارىتى داۋام قىلماقتا

 

ئۆز خەۋىرىمىز، 8 - ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇتۇش ۋە رەسمىي دۆلەت ئورۇنلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرساھەلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىتىلغان خەلق دىپلوماتىيە ھەرىكىتى دائىرىسى ئىچىدە كۈۋەيتكە يىتىپ باردى.

ھەيئەت تۆنۈگۈن ئاخشام كۈۋەيت دىۋان مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى ۋە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.

كۈۋەيتنىڭ مۇھىم دۆلەت ئادەملىرى، جامەئەت ئەربابلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ پەرقلىق ساھەلىرىدىن مۇھىم شەخسلەر جەم بولغان بۇ ئۇچرىشىشتا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى ۋە مۇھىم مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

  شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى ۋە بىرلىكنىڭ دەۋەت گۇرۇپپىىسىن ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ۋە ماھمۇتجان داموللام قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن

ھەيئەتنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ