ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى «ئەلراي TV» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-12 14:40:02 جەمئى 1078 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى «ئەلراي TV» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى «ئەلراي TV» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز، 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزىي ۋە بىرلىكنىڭ دەۋەت گۇرۇپپىسىدىن ھەبىبۇللاھ كۈسەنىي ۋە مەھمۇتجان داموللام قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇتۇش، دۆلەت ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە كۇۋەيتكە يېتىپ بارغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى 11-ئاپرېل كۇۋەيتتىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورنى «ئەلراي TV»نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. شۇنداقلا ئەرەب مۇسۇلمانلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نىسبەتەن كۈتكەن ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ھەيئەت يەنە 11-ئاپرېل كەچتە كۇۋەيت خەلقئارا ھۆررىيەت جەمئىيىتى رەئىسى فەۋۋاز ئۇنايزى ۋە كۇۋەيت كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور يۈسۈف ساقار بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ