ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى
فىلىپپىن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق ئارال ئەتراپىدا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ يۈرۈشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، سىپراتلىي تاقىم ئاراللىرىدىكى «پاگ ئاسا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان فىلىپپىننىڭ دىتۇ ئارىلىغا يېقىن جايدا تۇرۇۋاتقان 200گە يېقىن خىتاي كېمىلىرىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ فىلىپپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى سالۋادور پانېلو ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئالدىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە دىتو ئارىلى ئەتراپىدا 275 خىتاي كېمىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا فىلىپپىنلىق يەنە بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىغا دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش خېتى تاپشۇرغان.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي 1974-يىلى ئۆزى خالىغانچە تۈزۈپ ئېلان قىلغان خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، تالاش-تارتىش ئىچىدە قالغان جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ %80نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن. يەر ئاستى بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەن تونۇلغان بۇ رايوندا فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ