ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قاچاق خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-01 15:54:19 جەمئى 552 قېتىم ئوقۇلغان.

قاچاق خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن

قاچاق خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن

زىمىستان تورىنىڭ 30-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاچاق خىتايلار ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ: «شىنجاڭ تۈرمىگە ئوخشايدىكەن» دېگەن.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىب سىياسەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەن قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەر ۋە ئۇچرىغان ھەرخىل توسالغۇلار، نازارەت سىستېمىسى، چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشىغا رىغبەتلەندۈرىدىغان تەشۋىقاتى قاتارلىقلاردىن بىئارام بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە بىر ئايال خىتاي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قول تېلېفونغا بىر قىسىم ئەپلەرنى مەجبۇرىي قاچىلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغاندا ساقچىلار يۇقىرىقى ئەپنى ئۇنىڭ تېلېفونىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى توسۇش ئىكەنلىكىنى، ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلىغاندا چوقۇم كىملىكنى تەكشۈرتۈپ، كۆزنى سىكانېرلاپ رەسىمگە چۈشۈشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى توي قىلىشقا قوشۇلغان خىتايلارغا بىر يۈرۈش ئۆي بېرىش ھەققىدە ۋەدە قىلىپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشقا كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىقى، بىراق ۋەزىيەتنىڭ چىڭ بولۇشى، كىشىلەرنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى سەۋەبلىك بىئارام بولغان بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ