ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق

قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق
ئۆز خەۋىرىمىز: 16-مارت قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن سىنلىق فىلىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ قاتمۇ-قات مۇسىبەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەرەپ-تەرەپتىن قىستاپ، باش كۆتۈرگۈزمەي كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچ يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىكى بايلارنى، بىلىم ئىگىلىرى ۋە ئىقتىساد ئىگىلىرىنى «ئەسەبىي، تېرورچى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، خەلقىمىزنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىشىنى چەكلىدى. خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك سىياسەتلىرى، ياشلارنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن زور كۆلەمدە تۈرمە، لاگېرلارغا قامىشى ۋە ئائىلىلەردە ئەمگەك كۈچى قالماسلىقى سەۋەبىدىن خەلقىمىز بارغانسېرى نامراتلىشىشقا باشلىغان.
سىنلىق كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئائىلىلەردە قالغان ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىمۇ كۈن بويى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىپ قىيناشقا باشلىغان. خەلق تۈمىلەردىكى مەھبۇسلاردەك ھەربىيچە كىيىنگەن خىتاي قورچاقلىرى تەرىپىدىن ئەمگەككە سېلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ