ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ساۋەندە ئۇدا 15 كۈن قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرگەن.

قۇرئان كۆيدۈرۈش 15 كۈن داۋام قىلدى
زىمىستان تورىنىڭ 18-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ساۋەندە ئۇدا 15 كۈن قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرگەن.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ساۋەن ناھىيەسى جىنگۇخې يېزا لىياۋشۇگۇ كەنتىدىكى مەسجىدلەرنى چېقىپ، مۇسۇلمانلارنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش بىلەن توختاپ قالمىغانلىقى، بىر كۈنى كەنت كومىتېتىدىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا كەنت ئاھالىسىگە ئۆيلىرىدە يوشۇرۇپ قويغان بارلىق قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنى كەنت كومىتېتىغا چوقۇم تاپشۇرۇشى كېرەكلىكى، تاپشۇرمىغانلار بايقالسا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يېزىدىكى ئەمەلدارلار ئۆيمۈ-ئۆي ئارىلاپ، خەلقنى دىنىي كىتابلارنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى، كۆپىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشتىن قورقۇپ، قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنى تاپشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىنى قوبۇل قىلىپ، كەنت كومىتېتىدىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى يىغىۋېلىنغان بارلىق قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرگەنلىكىنى، بىر كۈندە بەش تاغاردىن كۆيدۈرۈپ، ئۇدا 15 كۈن داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئۆتكەن يىلدىن ھازىرغىچە كەنتتىكى بىرەر كىشىمۇ بۇ تىراگېدىيەنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ