ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كونيا كاراماندا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

كونيا كاراماندا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
26-ئاپرېل كونيا كارامانئوغلۇ مەھمەتبەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى كونيا كارامانئوغلۇ ئۇنىۋېرىستېتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرىيەت جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالدى بىلەن كارامانئوغلۇ مەھمەتبەي ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق كۈلتۈر ۋە تەنتەربىيە گۇرۇپپا رەئىسى جاھىت سۇجى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېت زالىدا ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان يەنە كونيا خاتۇنىيە مەدرىسىدە «ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
پائالىيەتنى كارامان ئىنسانى ياردەم ۋەقفى (IHH)، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى( Memursen ) مائارىپ ئۇيۇشمىسى (Eğitimbirsen ) تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ