ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئون مىڭغا يېقىن كىشى لاگېردىن يۆتكەلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-15 15:34:37 جەمئى 3545 قېتىم ئوقۇلغان.

كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئون مىڭغا يېقىن كىشى لاگېردىن يۆتكەلدى

كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئون مىڭغا يېقىن كىشى لاگېردىن يۆتكەلدى

زىمىستان تورىنىڭ 15-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر كىشى مۇخبىرغا خەت يېزىپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزمىسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققان كىشى شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قازاق بولۇپ، ئۇ قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغان. ئۇ تۈرمىدە بىر نەچچە كۈن ئۆز تونۇشلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. ئۇ تۈرمىدە شاھىت بولغان خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ خەت يازغان ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
«مەن تۈرمىدىكى ۋەھشىيلىكلەرنى پاش قىلغىنىم ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىشىم مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلدىم. مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىم ھەققىدە ئىسپات بېرىشكە تەييارمەن.
مېنى سولىغان كامېردا 56 كىشى بار ئىكەن. ھەممەيلەننىڭ پۇت-قولىغا كىشەن، كويزا سېلىنغان بولۇپ، كىشەن بىلەن كويزا رەنجىر بىلەن چېتىلغان ئىكەن. كامېردا چوڭ تاھارەت بىلەن كىچىڭ تاھارەت قىلىدىغان ئىككى چېلەك بار بولۇپ، بەزى كۈنلىرى چېلەك توشۇپ كېتىپ، كامېر مۇھىتى چىدىغۇسىز دەرىجىدە بۇلغىنىپ كېتىدىكەن. كامېر ئىچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي جىنايەتچىلەر باشقۇرىدىكەن. خىتايلار تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە باشقۇرسا، ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلىدىغان بولغاچقا، خىتاي جىنايەتچىلەر جان پىدالىق بىلەن بىزلەرنى باشقۇرىدىكەن. مەن بىلەن بىر كامېردا سولانغان 65 ياشلىق بىرسى كامېر ئىچىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. بىراق ئۆلگەن كىشىگە قان بېسىم ئۆرلەپ كەتكەن دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ، ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
دىنىي مەلۇماتى بار كىشىلەرنى دائىم ئىككى قولىنى ئىككى تىزىغا قويۇپ، تورۇسقا قارىغان ھالدا ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، تەن جازاسى بېرىدىكەن. ئېغىزى مىدىرلىسا «ئايەت ئوقۇدۇڭ ياكى ناماز ئوقۇدۇڭ» دەپ ئۇرىدىكەن. ياكى تۈرمە ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىدىكەن.
يېقىندا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ گېپى بويىچە خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغان ئون مىڭغا يېقىن جىنايىتى يەڭگىل كىشى شەكىلگە قويۇپ بېرىلدى. بىراق ئۆيىمىزگە بارالمايمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتتىن شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرگىلى كېلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بىزنى قويۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. خەلقئارا جەمئىيەت تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىزنى يەنە ئالدىن تەييارلانغان يەر ئاستى تۈرمىگە سولاپ قويۇشى مۇمكىن. خىتاي جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسم ئورۇنلاردا يەر ئاستى تۈرمىسى سالدى ھەمدە سېلىۋاتىدۇ. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك ئەقلىدىن ئادىشىپ قالدى.
بۇ يەرلەر خىتاي دېگەندەك «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىدىغان فاشىست لاگېرلىرى. لاگېرلارنىڭ دىن بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق. چۈنكى بۇ يەردە دىنغا ئىشەنمەيدىغان، كوممونىستىك پارتىيەگە ئەزا بولۇپ، نەچچە يىل جان تىكىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بېسىم قىلىش ئارقىلىق لاگېرلارنى تاقاتقۇزمىسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىرىلىپ تۈگەيدۇ».


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ