ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۆلىمالار (10)

لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۆلىمالار (10)
ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە مەسچىت-جامەلەردە ئىمام، خاتىپلىق قىلىۋاتقان، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئۆلىمالارنى «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرىغا سولىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
سۇلايمان توختى قارىھاجىم، 86 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال 9-كەنتى 4-مەھەللىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. سۇلايمان توختى قارىھاجىم ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ھارماي-تالماي دىنىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان، دىن ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۇنىڭ قولىدا نۈرغۇنلىغان قارىيلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى يېتىشپ چىققان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئۆلىمانى 2017-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا «ئەسەبىي، تېررورچى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا سولىغان ۋە بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇغقانلىرى ئۇنىڭ لاگېردا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. ئاللاھ سۇلايمان توختى قارىھاجىمنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ