<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-12 12:29:04 جەمئى 1521 قېتىم ئوقۇلغان.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى

ئەخمەت فارۇق مۇسا «ئىسلامى ئويغىنىش فرونتى» نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، 9‏-ئىيۇل «بۈگۈنكى ئەركىن مالايشىيا گېزىتى» دە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش كۆرمەي پەرقلىق مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە تەن جازاسى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى ئېنىق بولغان ئەھۋالىدىمۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. يېقىندا تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىپ مالايسىياغا ئۆتكەن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» دېگەنلەرنى بىلەن ئەيىبلىدى.»

ئەخمەت فارۇق مۇسا ماقالىسىدە يەنە، مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە«ئۇيغۇرلارنى قوغداش بىلەن پەلەستىنلىكنى قوغداشنىڭ پەرقى نەدە؟ » دېگەن سۇئالنى قويغان ھەمدە مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت دائىم پەلەستىنلىكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قوغداشتا ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ چېمپىيون بولۇشنى ئويلايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى، ھازىرقى ئېچىنشلىق ئەھۋالى، تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققىتى، خىتاينىڭ ھەر خىل رەزىل ئۇسۇللار بىلەن كەمسىتىشى، تەن جازالىرىنى ھېس قىلالمايدۇ؟»

ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇندق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنى قوغداش مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر دىنىي مەسئۇلىيىتى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇريىتى ئىكەلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى تولىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە. ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ مالايسىياغا كىلىپ قالغان بولسا قانداق بەدەل تۆلىشىگە قارىماي ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك. دىنسىزلارنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ مالايسىياغا كەلگەن ھەر قانداق مۇسۇلمان مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئامانەت بولۇشى مۇمكىن.»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ