ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مايك پەنس خىتاينى ئېغىر ئاگاھلاندۇردى

مايك پەنس خىتاينى ئېغىر ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرىزدېنتى مايك پەنس 28 - مارت فىلورىدا شىتاتىدىكى ئاۋى مارىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رەزىل سىياسىتىنى چوقۇم توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.
ئۇ سۆزىدە، خىتايدا دىنى باستۇرۇشنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكىلاتىدا خىتاينىڭ 1999 - يىلدىن بۇيان يىلدىن يىلغا دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە بېيجىڭ رېجىمىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خرىستىئان خىتايلارغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن دىنى ماتىرىيال ۋە خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ كىرىست بەلگىلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقنى ياكى چېقىپ تاشلانغانلىنى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق پۇقرالىرىنى ئېغىر تەقىپ ئاستىغا ئالغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەكنىڭ بۇھەقتە جىددى چاقىرىقلىرى بارلىقىنى ۋە كەلگۈسىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ تارىخى خارەكتىرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا مەن سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى؛ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىلدە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى چىقىمىز ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتىمىز، خىتاي بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك! دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ