<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇبارەك روزا ھېيتتا نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى

مۇبارەك روزا ھېيتتا نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى
17- ئىيۇن china idتورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رىجىمى قەشقەردە روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى بىلەن ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى تۇتقان.
خەۋەردە خىتاي رېجىمنىڭ روزا ھېيت كۈنى بۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت كۈنى ئۈندىدار ئارقىلىق تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىگە ھېيتلىق تەبرىك ئۈجۈر يوللىغانلىقى باھانە بولغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىنىڭ جېرىمانە ئېلىنغاندىن كىېيىن بۇ خىلدىكى ئۇچۇرنى يوللىماسلىققا كاپالەتنامە يازدۇرۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىراق بىر بۆلۈك كىشىنىڭ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، قويۇپ بېرىلگەنلەر تەييار ئۇچۇرنى يوللىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، قويۇپ بېرىلمىگەن كىشىلەر بولسا تەبرىكلەش سۆزىنىڭ ئەسلى تېكىستىنى يازغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
قەشقەر، كورلا، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىن ئېگىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رىجىمى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز- ئارا ھېيتلاپ بېرىش- كىلش قىلىشنى چەكلىگەنلىكى، ئەكسىچە روزا ھېيت بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگەن تاڭزۇڭزا چاغىنىنى تەبرىكلەپ بەنشىر پۇشۇرۇپ يىيىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى مەلۇم بولدى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ