ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇھىم چاقىرىق


ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، پۈتۈن ھاياتى بويىچە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ھارماس پىداكار جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىن ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىدا 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى سائەت 10:00 دا سوت ئېچىلىدۇ.
زالىم خىتاي دائىرلىرى، ئابدۇقادىر ياپچاننى بىر قانچە تۈرلۈك ئورۇنسىز سەپسەتىلەر بىلەن قارىلاپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە شىكايەت قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، ئابدۇلقادىر ياپچان ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە نازارەت ئاستىدا تۇردى ۋە بىر قانچە قېتىم سوتقا ئېلىپ چىقىلغان بولسىمۇ بىراق ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدە قىلىنغان تۆھمەتلەر تۆگىمىدى.
ھەققانىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئادالەتنىڭ تەجەللى تېپىشى، يالغانچى زالىم خىتاينىڭ قارانىيىتىنىڭ بەربات بولۇشى ئۈچۈن، پۈتۈن شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلارنى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى سوت مەھكىمىسى ئالدىدا ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا ئۇچرىشىشقا چاقرىق قىلىمىز.
سوت ئېچلىش ۋاقتى: 2019- يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى سائەت 10:00
ئادرېسى: ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيى

Çağlayan Meydanı Şişli Merkez Mah. Abide-i Hürriyet Cad. No: 223 Şişli / İstanbul


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ