ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەن دىققەت قىلغان بىر قانچە مەسىلە

مەن دىققەت قىلغان بىر قانچە مەسىلە

ئالماس ھاجى 

«ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ» (تالاق سۈرىسى، 7-ئايەت)

1. تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۈگۈنكىدەك خەلقئارالاشمىغان، خەلقىمىز بۈگۈنكىدەك تەشكىللىنەلمىگەن ۋە ئىتتىپاق بولالمىغان ئىدى. كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈش، تەشۋىقات خاراكتېرلىك يىغىنلارنى ئېچىش، ئۇچرىشىش، مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، شەھەرلەر، دۆلەتلەر ئارا سەپەردە بولۇپ، دوستلارنى كۆپەيتىش، دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش يولىدا قىلىنغان پىداكارلىقلارنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرىش دەۋا ئىشلىرىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ خىزمەتلەر ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە دەۋا ئىشلىرىمىزغا ھەرتەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەلۋەتتە خىزمەتلىرىمىزدە كەمچىللىك، خاتالىقلىرىمىز يوق ئەمەس، بۇنى تۈزىتىپ كەتكىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ئارقىلىق نەتىجىلەرنى قارا-قويۇق ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

«نامايىشنىڭ، يىغىلىشلارنىڭ نېمە رولى بولدى؟ ئۇچرىشىش، سۆھبەتلەر سۈرەتكە چۈشۈشلا بولدىغۇ» دەپ قاراش، شەھەرلەر، دۆلەتلەر ئارا ئالاقە باغلاپ، دەۋا ئىشىمىزنى، دەردىمىزنى ئۇلارغا ئاڭلىتىش، خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىلىنغان خىزمەتلەرنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش توغرا نىيەتتىن ئەمەس.

ئەگەر تەشكىلاتلىرىمىز شۇ خىزمەتلەرنى ئىشلىمىگەن بولسا، خەلقىمىز ئىتتىپاق بولۇپ ھەر تەرەپتىن قوللىمىغان بولسا، دەۋا ئىشلىرىمىز ھازىرقىدەك خەلقئارا سەھنىگە چىقالامتى؟ يا بىرەر پۇرسەت كېلىپ، ئۆزى چىقىپ قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان.

2. ئارىمىزدا شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك، ئابرۇيپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يوق ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن بىر نەچچە شەخسنىڭ غەرەزلىك ھالدا بىر-بىرىنى ھاقارەتلەپ ئەيىبلەشلىرى مىللەتنىڭ ئىتىپاقسىزلىقى جۈملىسىدىن ئەمەس.

تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا بەلگىلىگەن خىزمەت يۆنىلىشلىرى بويىچە ئىش- ھەركەت قىلىپ، بىر نىشان، بىر غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى نورمال ئەھۋال. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە مەقسەت-غايىسىدە ئۆز - ئارا كېلىشەلمەيدىغان قارمۇ قارشىلىق بولمىسىلا، ۋاقتى كەلگەندە بەزى مەسىلىلەردىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلاردا بىرلىككە كېلەلەيدۇ. كېلەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بىر مەزگىل ساقلاپ قالسا بولىدۇ. بۇ بىر سەپتىكى تەشكىلاتلاردا بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋالدۇر. بۇنداق ئەھۋاللارنى «تەشكىلاتلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى» دەپ جار سالساق بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئىتتىپاقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ مەقسەت-نىشانى بىر بولۇپ، ھەرىكەتتە چاققان، كۆپ قۇتۇپلۇق بولغىنى دەۋا ئىشلىرىمىزغا پايدىلىق. مىنىڭچە بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى بىر مەركەزگە توپلاش پىكرى ھازىرقى رېئاللىقىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. تەشكىلاتلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئوخشاش باش قوشقان تەشكىلاتلار ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرسا، نۆۋەتتىكى ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلەيدۇ، دەپ قارايمەن.

3. ئەيىب-نۇقسانلىرىمىزنى زىيادە كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش. بىر قىسىم كالتەكچىلەرنىڭ ئېغىزى ئېچىلسىلا مىللىتىمىزنى ساپاسىز، بىلىمسىز، كېرەكسىز دەپ ئەيىپلەشلىرى مۇناپىق، ساتقۇنلارغا باھانە، دەستەك بولماقتا. بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئىللەتلەرنى مىللەتنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇش، ئايرىم كىشىلەردىكى نۇقسان ئۈچۈن مىللەتنى ئەيىبلەش، ھە دېسىلا كالتەكلەش خاراكتېرىدىكى تەنقىدلەشكە كىم خۇشتار؟ گەرچە سېپىمىزدە تەنقىدلەشكە، تەربىيەلەشكە تېگىشلىك تەرەپلەر ئاز ئەمەس بولسىمۇ، بىراق تەنقىدىي تەربىيەنى سىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىدا قىلغىلى بولمامدۇ؟ نېمىشقا تەنقىدلەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ يوللىرى، ئۇسۇللىرى ھەققىدە كۆپرەك توختالمايمىز؟

ھەرقانداق ئىنقىلابىي ھەرىكەتتە يېتەكچىلەر، تايانچلار ۋە پىداكارلار بولىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئارقا سەپتە تۇرۇپ قوللىغۇچىلار، ئۆيدە ئولتۇرۇپ زەن قويغۇچىلار، باھالىغۇچىلار، سوغۇق سۇ سەپكۈچىلەر، ئىسسىق چاي تەڭلىگۈچىلەر ھەم بولىدۇ. بۇ بىر نىسبەت ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە رېئاللىق. شۇڭا ئاۋانگارتلار ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىشلار ۋە كۈنلەر بولىدۇ، خەلق سەل بولۇپ ئاقىدىغان كۈنلەر ھەم بولىدۇ. بۇنداق ئىشلاردا سەۋرچانلىق بىلەن توغرا مۇئامىلىدە بولۇش لازىم. ئۆز ئادەملىرىمىزگە ئۇلارغا توغرا كەلمەيدىغان قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ، دىلىغا ئازار بەرمەسلىكىمىز كېرەك. باشقا تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان دىل ئازارلىرىمۇ يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. مەسىلىنى چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ، تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ، دەۋەت قىلىشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر، لېكىن ئەيىبلەش، ئازار بېرىش، ماس كەلمەيدىغان قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ دوق قىلىشلارنى قوللانماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش سەلبىي نەتىجە بېرىپ، سېپىمىزنى شالاڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

مەنچە ئاۋام-خەلقتە چوڭ مەسىلە يوق. ئۇلار بىر نىشان، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاق، ھەم ئىتتىپاق بولالايدۇ. مەسىلە سەرخىللىرىمىز ئىچىدە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ.

ئەگەر سەرخىللىرىمىز ئۆزلىرىدىكى كەمچىلىك، خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يۈزلەنسە، خەلقىمىزدىكى ئۇيۇشقاقلىق، پىداكارلىق، جەڭگىۋارلىق كۈتكىنىمىزدىن ئارتۇق بولىدۇ.

4. كۈنىمىزدە تەشۋىقات خىزمەتلىرىمىز بارغانسېرى جانلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئۆزىمىزگە بولغان تەشۋىقات كۈچلۈكرەك، دۇنياغا بولغان تەشۋىقاتىمىز ئاجىزراق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تەشۋىقات خىزمىتىدە مەزگىللىك ھالدا ئۆزئارا باش قوشۇپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماسلاشقان ھالدا تەشۋىقات قىلىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن پىلان يوق. شۇڭا مەۋجۇت مەسىلىلەرگە يېتىشەلمەسلىك، چېچىلاڭغۇلۇق، ئىزچىل ۋە نىشانلىق بولماسلىقتەك ئەھۋاللاردىن خالىي بولالماۋاتىدۇ. پىروگراممىلاردا شەخسلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەخپىيەتلىكلىرىنى، دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان مەزمۇنلارنى كوچىلىماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش لازىم بولسىمۇ، بەزىدە ئېھتىيات قىلىشقا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا سەل قاراپ قېلىۋاتىمىز. بۇ ھال بىزگە كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلارنى، بەزىدە چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

يۇقىرىقىلار مېنىڭ يۈزەكى كۆزىتىشلىرىمدىن كەلتۈرۈپ چىقارغان پىكىرلەر. ھەممىسى توغرا بولىشى ناتايىن. لېكىن بۇ مەسىلىلەر ئۆز مەۋجۇتلۇقى بىلەن دىققىتىمنى تارتتى. توغرىسى ئېتىبارىڭلاردا بولسۇن، خاتاسىنى ئەپۇ قىلغايسىلەر. ئەپۇ قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش قېرىنداشلىق پەزىلىتىدۇر.

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ