ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەي بالام ، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرغۇچى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى تىل بولغىنىدەك ،...
يۈسۈپخاسھاجىپنىڭ 100 نەسىھىتىدىن پارچە

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يۈسۈپخاسھاجىپنىڭ نەسىھەتلىرىنى پايدىللىنىشىڭلار ئۈچۈن سۇنماقچى ، قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ كۆرگەيسىلەر ! يۈسۈپخاسھاجىپنىڭ 100 نەسىھىتى بىرىنچى نەسىھەت بىلىم ۋە ئىدراك كىشى ئۈچۈن كىشەندۇر ئەي بالام ، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرغۇچى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى تىل بولغىنىدەك ، ھاياتنى جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن ئاجرىتىپ تۇرغۇچى ۋە يورۇقلۇق ھەم ئەقىل گۈلىستانىغا ئېرىشتۈرگۈچى مۇھىم ئالامەتلەرنىڭ بىرى بىلىم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ ، ئىنساننىڭ قەلبىنى پەلەككە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا ، بىلىم ئۇنىڭغا نۇر ۋە روشەنلىك بەخىش ئەتكۈچى پارلاق قۇياشتۇر ! قۇياشسىز ئاسمان قاغا قانىتىغا ئوخشاش تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كىرگىنىدەك بىلىمسىز ئىنسانمۇ نادانلىق ۋە جاھالەتنىڭ قارا زىندانىدا ئىزسىز غايىپ بولغۇچىدۇر . سەن بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنسەن . ئىزسىز غايىپ بولما ! ئۆگەن بىلىم ئال ! بىلىم ۋە ئىدراك _ كىشى ئۈچۈن كىشەندۇر . كىشىلەرنىڭ ( كىشى ) يارىماس ئىشلارغا يېقىن بارالمايدۇ . كىشى ياخشى كۆرىدىغان ئېتىنى كىشەنلەپ تۇتىدۇ ، مىنىشلىك ئېتىنى بولسا كۈزىتىپ ساقلايدۇ . كىشەنلىك قاچالمايدۇ . خالىغىنىڭچە يۈرىدۇ ؛ چۇشەكلىك يىراقلاشمايدۇ خالىغان يېرىڭدە تۇرىدۇ . بىلىمسىزگە تۆردىن ئورۇن تەگسە قارىغىنكى، تۆر پەگاھ، پەگاھ بولسا تۆر ھېساپلىندۇ . ئەگەر دەناغا پەگاھتىن ئورۇن تەگسە ، بۇ پەگاھ تۆردىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ . بۇنچىلىك قەدىر - قىممەتنىڭ ھەممىسى بىلىم ئۈچۈندۇر . ئىككىنچى نەسىھەت بىلىم بىلگەن كىشىدىن كېسەل يىراقلىشىدۇ ئەي بالام ، شۇنى بىلگىنكى ، بىلىم بەئەينى سۆڭەكتىكى يىلىك كەبى ئىنسانغا كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم بىلگەن كىشىدىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ . كېسەلنى داۋالىمىسا كىشى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ . سېنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىقىڭ كىشىلىكىڭگە دەلىل بولالمايدۇ ، بەلكى مەنىۋى جەھەتتىكى ساغلاملىقىڭلا سېنىڭ ھاياتىڭدىن نىشان بېرىدۇ . ھايات يۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتكەنلىك ھېساپلانمايدۇ . بەلكى ، ھەر بىر تىنىقىمىزنى ئىلىم ئۆگۈنىشنىڭ قايتا كەلمەس پۇرسىتى دەپ بىلگىنىمىزدىلا ۋە شۇ ئاساستا بەدىنىمىز ئۈچۈن كېرەك بولغان يېڭى - يېڭى يىلىكلەرنى ئىشلەپ چىقارغىنىمىزدا ئاندىن ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولىمىز . مۇبادا سەن ئەنە شۇنداق بەدەنگە يىلىك ئاتا قىلىدىغان بىلىملەرنى ئۆگۈنۈپ ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمىسەڭ ، گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور كىشىدىن قىلچە پەرقىڭ بولمايدۇ . بىلىمسىزلەرنىڭ قەلبى قۇمدەك بولىدۇ ، دەريا كىرسىمۇ تولمايدۇ ، ئوت -چۆپ ئۆنمەيدۇ . بىلىملىك كىشىلەر ۋۇجودىنى ئۇپىرتىدۇ ، بىلىم بىلەن شادلىنىپ ، جېنىنى ياشنىتىدۇ ، بىلىمسىزگە دۆلەت ، بەخىت كېلىدىغان بولسا ، بارچە خەلق بۇزىلىدۇ ، ئەلگە جۇت- ئاپەت كېلىدۇ . ئىدراك ئىشقا سېلىنسا ، بىلىم باشچىلىق قىلسا ، كىشى قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ .


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ