ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-04 16:09:07 جەمئى 1704 قېتىم ئوقۇلغان.

پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردى

پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىنىڭ 4-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن 43 كىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازاشقا چاقىرغان.
خەۋەردە ئاۋام پالاتا ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن 43 كىشى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، مالىيە مىنىستىرى ستېۋ مىنۇچىن ۋە سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسلارغا مەكتۇپ يوللىغان.
مەكتۇپتا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق  دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىنىشى كېرەكلىكى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پەنسنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراتقان قاتتىق تەنقىدلىرىنىڭ ئالقىشلىنىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىدلەپ قويۇپلا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا يېشىل كارتىسىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىكى تۇغقانلىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېردىكى تۇغقانلىرىغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە قانداق قەدەملەرنى باسقانلىقى، قايسى خىلدىكى جاۋابلارنى ئالغانلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ