ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پاكىستانلىق سودىگەر: ئايالىم جازا لاگېرىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-01 16:03:36 جەمئى 530 قېتىم ئوقۇلغان.

پاكىستانلىق سودىگەر: ئايالىم جازا لاگېرىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى

پاكىستانلىق سودىگەر: ئايالىم جازا لاگېرىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى
ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ 2017-يىلىدىن تارتىپ خەۋىرىنى ئالالمىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللىرىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى، يېقىندا بۇ 40 ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
بۇ ئاياللار جازا لاگېرىدىكى مەزگىلىدە چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئىسلامىي تۇرمۇشتىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ پاكىستانلىق سودىگەرلەردىن توققۇز كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايالىرىنىڭ بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالغانلىقىنى، نامازنىمۇ تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا پات-پات ھاراق ئىچىشكە ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇلار يەنە ئاياللىرىنىڭ مىجەزىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ناھايىتى جىمغۇرلىشىپ قالغانلىقىنى، ھەممەيلەنگە، ھەتتا ئاتا-ئانىسى ۋە ئەرلىرىگىمۇ گۇمان نەزىرىدە قارايدىغانلىقىنى، پۈتۈنلەي ناتونۇش بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ ھالەتتە ئۆي تۇتۇشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە قارا قولىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ سۇنغان بولۇپ، خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈچ ئاي بۇرۇن بۇ 40 ئۇيغۇر ئايالنى قويۇۋەتكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ