ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەرزەنتلىرىڭىز ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە ئالدىراڭ!

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-16 19:08:18 جەمئى 1606 قېتىم ئوقۇلغان.

پەرزەنتلىرىڭىز ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە ئالدىراڭ!

پەرزەنتلىرىڭىز ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە ئالدىراڭ!
ئىستانبۇلدىكى كەڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ دىققىتىگە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى جىنايىتىنى پاش قىلىش، بولۇپمۇ نارەسىدە پەرزەنتلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى، نارەسىدە بالىلارغىمۇ رەھىم قىلمىغان تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاتا - ئانىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئاساستا گۇۋاھلىق بېرىشكە، خىتاينىڭ قايسى دەرىجىدە جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا چاقىرىق قىلىمىز.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ئورگىنى ب ب س نىڭ ۋەتىنىمىزگە قانچىلىغان قېتىم بارغان ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇخبىرلاردىن بىرى بولغان جون ئەپەندى ئىستانبۇلغا كېلىپ، بالىلىرى ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يۈرۈش كۈچلۈك پروگرامما ئىشلىمەكچى. پەرزەنتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىتىدا ئالدىن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش:
گۇۋاھلىق بىرىش ئورنى ئەسلىدە ئىسىتىقلال تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىغىنغان ئورۇندىن ئۆزگەرتىلدى.
گۇۋاھلىق بېرىش ئورنى: زەيتىنبۇرنۇ نۇرى پاشا مەھەللىسى يۇرداگۈل توي مەرىكە زالى.
ۋاقتى 2019- يىلى 04- ئاينىڭ 18- كۈنى (پەيشەنبە) سائەت 05:00


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ