ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

چوشقا ۋاباسى خىتاينىڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-29 16:37:04 جەمئى 1624 قېتىم ئوقۇلغان.

چوشقا ۋاباسى خىتاينىڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلاندى

چوشقا ۋاباسى خىتاينىڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلاندى

خىتاي بۇلتۇر 8-ئايدىن تارتىپ باشلانغان خىتايدىكى ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنىڭ تارقىلىشىنى ھازىرغىچە كونترول قىلالمىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ۋال سىترىت ژۇرنىلى ۋە نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بۇ ھەقتە ئايرىم-ئايرىم دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سەككىز ئايدىن بېرى ئافرىقا چوشقا ۋاباسى خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە تارقالغان بولۇپ، بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر چارۋا-مال كېسەللىكى ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن. چوشقىلار يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكتىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقتىن، خىتايدىكى تىرىك چوشقا زاپىسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 40 مىليون تۇياق ئازلاپ، 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل خىتايدىكى تىرىك چوشقا زاپىسى 200 مىليون تۇياق ئازلاپ كېتىدىكەن.
دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە مەسىلە ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا ۋەزىيەتنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان. چارۋا ئىگىلىرىمۇ ئۆلگەن چوشقىلارنى دەريالارغا تاشلاپ، ئۆزى خالىغانچە بىرتەرەپ قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چوشقا گۆشى بازىسى ۋە ئاساسلىق ئىستېمالچىسى بولۇپ، بۇ قېتىملىق كېسەل ئاپىتى خىتايدىكى چوشقا گۆشى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي پۇلىنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى يېقىنقى بەش ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن كۆپلەپ چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشى مۆلچەرلەنگەچكە، ئامېرىكىدىكى چوشقا گۆشى باھاسىمۇ ئۆسۈشكە باشلىغان.
ئېيتىلىشىچە، ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنىڭ ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ