ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

چەتئەلگە تۇغقان يوقلاپ چىقىش 9 كىشىنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىشىغا باھانە بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-12 10:46:16 جەمئى 1015 قېتىم ئوقۇلغان.

چەتئەلگە تۇغقان يوقلاپ چىقىش 9 كىشىنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىشىغا باھانە بولدى

چەتئەلگە تۇغقان يوقلاپ چىقىش 9 كىشىنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىشىغا باھانە بولدى
11- ئۆكتەبىر china Aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، قازاقىستانغا چىقىپ بىر قېتىم ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن ئەر- ئايالىنىڭ توققۇز تۇغقىنى لاگېرغا قامالغان.
خەۋەردە ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىسى خۇلسۇن يېزىسىدىن ئىككى ئەر – ئايال 2017- يىلى 5- ئايدا قازاقىستاندا يەرلەشكەن ئوغلى جۈمە بېكنى يوقلاپ قازاقىستانغا چىققانلىق باھانىسى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ، 64 ياشلىق بايېسخان شاھدات، ئۇنىڭ 28 ياشلىق ئوغلى تېسىمخان بايېسخان، چوڭ دادىسنىڭ ئوغلى ھاجى ئەكبەر، جىيەنى دۇيسىنباي قاتارلىق 9 تۇغقىنىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقى، خىتاي دائىرلىرى ئۇلارغا « خەتەرلىك دۆلەت قازاقىستانغا بارغان » دەپ تۆھمەت ئارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بايېسخان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزنىڭ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەكتۇب يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم قىلىپ، تۇغقانلىرىنى تىزرەك قويۇپ بېرىشكە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ