ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارسى بىلەن تەپتىش ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ۋاڭبەكرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى
21- سىنتەبېر شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارسى بىلەن تەپتىش ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خەلقىمىزگە قىلغان ئېغىر خىيانىتى، ساتقىنلىقى، قانخورلۇقى بىلەن خەلقىمىز تەرىپىدىن «ۋاڭبەكرى » دەپ ئاتىلىپ سېسىق نامى پۇر كەتكەن، خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى، خىتاي ئېنېرگىيە مىنىستىرى، نۇر بەكرى قاتتىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا چېتىلىپ، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارىتى ۋە مۇپەتتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ۋاڭبەكرى 1961- يىلى بۆرتالادا تۇغۇلۇپ 1982- يىلى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىگە ئازا بولغاندىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە قانداق ئىدارىدا خىزمەت قىلسا شۇ ئىدارىدا ياچايكا سىكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن.
2014- يىلىدىن كېيىن خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە مىنىستىرى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىغان.

تەھلىلچىلەر: ۋاڭبەكرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى خەلقئالەمگە بىر ئىبرەت ئىكەنلكىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ماسلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىيانەت قىلىۋاتقان خائىن، ساتقىنلاردىن ھامان بىر كۈنى يۈز ئۆرۈپ تاشلىۋىتىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئالدىدا شەرمەندە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.




  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ