ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

. مېنى ساڭا سۈيۈملۈك قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنكلىكىنى ئۇنۇتما. ناۋادا بۇنى ئۇنۇتساڭ نە مەن ساڭا سۈيۈملۈك، نە سەن سەن ماڭا سۈيۈملۈكسەن!

 

 

ۋەتەندىن خىتاپ- ئايرىلما!

 

ۋەتەندىن ئايرىلدۇق، ۋەتەن ئۈچۈن! ۋەتەندە ئىنساندەك ياشاشنى تەلەپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن.  ئاللاھ بىزگە ھۆر زېمىن قىلىپ بەرگەن زېمىندا قۇل بولغانلىقىمىز ئۈچۈن. قۇل قىلىشنى داۋام قىلماقچى بولغانلارغا ياق دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن.

 ۋەتەندىن ئايرىلدۇق، ۋەتەن ئۈچۈن! ۋەتەندە ياشىغان قان- قېرىنداشلارنى سۆيگىنىمىز، كۆيگۈنىمىز، كۆيگەن، سۆيگەنلىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيادا غەپلەت ئوتىدا، ئاخىرەتتە ئازاپ ئوتىدا كۆيمەسلىكى ئۈچۈن.

ۋەتەندىن ئايرىلدۇق، دوست – يارەن ئۈچۈن! ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ئەبەدى ۋەتەنسىز بولماسلىقى ئۈچۈن. تۈرمىلەردە، يېتىپ، ئاللاھ بەرگەن ۋەتىنىدە دىنىنى ياشاشقا ئىمكان تاپالماي، زۇلۇمغا ياق دېگەنلەر ئۈچۈن.

ۋەتەنسىز قالدۇق. شامالدا سورۇلغان قۇملاردەك ھەر يەردە ئۇچۇپ يۈردۇق، يۈرمەكتىمىز. كىندىك قېنىمىز تۈكۈلگەن سۈيۈملۈك ۋەتەن يىراقلاردا. ۋەتەن بىزگە ، بىز ۋەتەنگە تەلمۈرۈپ باقماقتىمىز. يۇتۇملىغان ھەر يۇتۇم سۇدىن، چاينىغان  ھەر بىر لوقمىمىزدىن ۋەتەننىڭ پۇرىقىنى ئىزدىمەكتىمىز. دوستىمىزنىڭ چېرايىغا  ئوخشىغان چىرايلارغا تەلمۈرۈپ باققان،يېقىنلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىغانلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان ھالدا ياشىماقتىمىز.

ھەر بەدەلنىڭ بىر ئېرىشىلىدىغىنى بار. ئى ۋەتەن! سېنىڭ ئۈچۈن ئۆتىگەن بۇ ھەسرەت بەدىلىدىن بىز نېمىگە ئېرىشمەكچى بىلەمسەن؟ جاۋاپ بەرگىنە، دەپ بەرگىنە!

دېدىڭكى، جاۋابىنى قاچانغىچە بىلمەيسەن؟ سېنىڭ يوقاتقىنىڭ مەن بولسام، مەن بىر تۇپراق. مەن بىر  بىر زېمىن.  مېنى ساڭا سۈيۈملۈك قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنكلىكىنى ئۇنۇتما. ناۋادا بۇنى ئۇنۇتساڭ نە مەن ساڭا سۈيۈملۈك، نە سەن سەن ماڭا سۈيۈملۈكسەن! شۇنىڭ ئۈچۈن سەن مەندىن ئايرىلغىنىڭ بىلەن مېھرىمدىن ئايرىلما! مېنى ساڭا سۈيۈملۈك كۆرسەتكەن ئىمانىڭدىن ئايرىلما! مېنى ساڭا ئەسلەتكەن ئەجدادىڭنىڭ ھەق يولىدىن ئايرىلما! مېنى ساڭا ئەسلەتكەن دوست- يارەننىڭ دۇئاسىدىن ئايرىلما! ۋەتەندىن چىققاندا ئايرىلىشقا كۆزۈڭ قىيماي ياش تۆككەندە ئى ۋەتەن سەندىن چىقىرىلمغان بولسام،ھەرگىزمۇ چىقمايتىم دېگەن پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغىنىڭ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغانلىقىڭنى، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ كىم ئۈچۈن ۋە نېمە ئۈچۈن ھېجرەت قىلغانلىقىدىكى نىشانىدىن ھېچ ئايرىلما !

مەيلى قايەردە ياشىساڭ ياشا، مەيلى ھەشەمەتە كۆكلەردە ئۇچ، مەيلى  خورلۇقتا يەرلەردە  سۈرۈل. دىنى بىلەن ، تىلى بىلەن، تۇرقى بىلەن، ئادىتى بىلەن تۇرۇشى بىلەن ئاچچىقى بىلەن ، تاتلىقى بىلەن، تامىقى بىلەن تۇز- تەمى  بىلەن مېنى ساڭا ئەسلەتكەن جامائەتىڭدىن ھەرگىزمۇ – ھەرگىز ئايرىلما!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ