ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(2)مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە مۇھاجىرەتتىكى چېچىلاڭغۇ ئۇيغۇرلار

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-04-05 12:01:26 جەمئى 6872 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ياشلار، غەربكە ئاتلىنىڭلار!» دېگەن شۇئار ئاستىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن....

 

خىتاي ھۆكۈمىتى «ياشلار، غەربكە ئاتلىنىڭلار!» دېگەن شۇئار ئاستىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مىليونلىغان كۆچمەن خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇش دېگەن قۇرۇق باھانە ئاستىدا شەرقىي تۈركىستانغا مىليونلىغان خىتاينى يۆتكەپ چىقتى. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ 1953 - يىلدىكى نىسبىتى %9تىن ھازىرقى ئەسىرنىڭ بېشىدا %48 كۆتۈرۈلدى. دېمەك، ئەسلى زېمىن ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە %90تىن %45 كە چۈشۈپ قالدى. مانا بۇ مەسىلە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زېمىنىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ، شۇنداقلا خىتاي بۇ سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئىگىلەپ تۇرۇشنى كۆزلەيدۇ. ئۇيغۇر زېمىنى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە ئۆتۈش ئېغىزى ۋە تەبىئىي بايلىقى بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇنىڭغا قوشۇمچە، خىتاي ئاتوم بومبىسىنى تەجرىبە قىلىش ۋە شۇ رايون ئاھالىلىرىنى ساقايماس كېسەللەرگە دۇچار قىلىش ئۈچۈن تەكلىماكان چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستاننى مەخسۇس تاللىدى. مانا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا ئاتوم تەجرىبىسىدىن تارقالغان “كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە تۆرەلمىلەرنىڭ سەتلىشىپ كېتىشى”گە ئوخشاش ساقايماس كېسەللەرنىڭ تارقالغانلىقىنى ئىلمىي ستاتىستېكا ئىسپاتلاپ چىقتى. 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ قارشىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي كۆچۈرمەكتە. مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھەرىكىتى مەخسۇس توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىز - يىگىتلەرنى نىشان قىلىماقتا. تۈركىستانلىقلار خىتاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىدە ئېرىپ تۈگەپ كېتىشى ۋە ئۇلارغا خىتاي جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پروگرامما ئاساسىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىنتايىن يىراق جەنۇبىي رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقتا.  

شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىستان قىزلىرىنى جاپالىق ۋە ناچار شارائىت ئىچىدە كوللېكتىپ ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن مۇنتىزىم ھالەتتە ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىمەكتە. نەتىجىدە، تۈركىستان قىزلىرى خىتايلار تەرىپىدىن خارلىق ۋە باسقۇنچىلىق ھادىسىلىرىگە ئۇچرىماقتا.

ئۇيغۇرلار ئۆز دىيارىدا تارىخ ۋە نوپۇس ستاتىستېكا رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنسان ھوقۇقى ساھەسىدە دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچرىشى، ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى، زوراۋانلىق قىلمىشلار ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئۆزبېكىستان، كەشمىر، پاكىستان ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش قوشنا ئەللەرگە جاپالىق سەپەر ئارقىلىق قېچىشقا مەجبۇرلىماقتا ۋە ئۇلارنى پاناھلانغۇچى سۈپىتىدە ياشاشقا قىستىماقتا. بەزىلەر سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كۆپىنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرگە: “بۇلار قانۇنسىز شەكىلدە چەتئەلگە چىققان تېرورىستلار” دېگەن بەتنام بىلەن قىلغان بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلمەكتە. بەزى ۋاقىتلاردا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە چەت دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلىپ، ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

مۇشۇ سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ تېخى يېقىندىلا 20 ئۇيغۇرنى ھىجرەت قىلىش قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇلارنى دۆلەتكە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن دېگەن باھانە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىشى يىراق ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاناھلانغۇچىلار ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېتى ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍنى ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلارنى قايتۇرۇۋېتىش، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍنىڭ بۇ قىلمىشى كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىغا  ھىجرەت قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى

 

1. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن قېچىش، ھايات پرىنسىپى بولغان ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىشى، شۇنداقلا مىللى كىملىكىنى ئىپادىلەشتىن چەكلىمىگە ئۇچرىشى.

2. ئۇيغۇرلار ناۋادا پەرزەنتلىرىنى ئاتېئىزىمنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە بەرمىسە دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار. ئۇلار مائارىپ ساھەسىدە پرىنسىپلىق ئايرىمچىلىققا دۈچ كېلىدۇ. نەتىجىدە تۈركىستاننىڭ سىرتىغا ھىجرەت قىلىشقا يول ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

3. تۈركىستان زېمىنىدىكى ئاتوم تەجرىبىلىرى، بۇ ئەھۋال مۇھىتنىڭ ئاتوم زەھەرلىرى بىلەن بۇلغىنىشى سەۋەبلىك تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا خەتەرلىك كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى.

4. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ زور دەرىجىدە ئەۋج ئېلىپ كېتىشى.

5. تۈركىستانلىقلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا مائاش، ۋەزىپە ۋە مائارىپتىكى ئايرىمىچىلىق، ئۇيغۇرلارغا 3- دەرىجىدىكى ۋەتەنداش سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىش.

6. ئۇيغۇرلاردىن ئىنسان ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلارنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش ۋە ئۇلارنى ئوجۇقتۇرۇۋېتىش.

7. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغداش ۋە خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇشىغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن دىنىي ساھەلەردە بىلىم ئېلىش رىغبىتى. مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىپ ئەللەر ھېسابلىنىدۇ.

بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر ياشنىڭ يازغان خېتىنى بىرگە ئوقۇپ باقايلى: «مەن تۈركسىتاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىلەرچە زۇلمىدىن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان زالىم قىلمىشلىرىدىن قېچىپ چىقتىم. ئۇيغۇر ياشلىرى يۇرتىغا قايتسا، ساختا تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە كىرىشكە ئۇچرايدىغان ياكى شەكىلۋاز سوتقا تارتىلىپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان تۇرسا، قانداقمۇ يۇرتىغا قايتسۇن؟ بۇ كەلگۈسىنى ئانا ۋەتىنىدىن يىراق ئەلدە كۆرۈشنى خالىغان قايسىبىر ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمىدېگەن چوڭ تراگېدىيە؟!»

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مىليوندىن ئارتۇق تۈركىستانلىق بار بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە سىياسى پاناھلىق تەلەپ قىلىپ، تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەپ، داۋاملىق ئەنسىرەش ئىچىدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر بار، شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇلارنى تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىستانغا قايتقان ۋاقتىدا ئۆلۈمگە دۇچ كېلىش ياكى تۈرمىگە كىرىشتىن ساقلاپ قالالمىدى.

؛داۋامى بار...

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ